欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(乌某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  90-نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋاپكار ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، 1973- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529011973XXXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، كىپلگە بىرىلشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر XX بازار XX-كەنىت XXگورۇپXX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019– يىلى 9– ئاينىڭ 12– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنى(2019) 1235-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

-2019يىلى 09-ئاينىڭ 09-كۇنى سائەت 21:00لەردە جاۋاپكار ئوXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،2019-يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۇنى سائەت 00:44لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX بازارXX-كەنىتتىكى ئۆيىگە توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق  ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى (پىراۋسىز)مەس ھالەتتە ھەيدەپ، ماڭغاندىن كېيىن،شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار ئوXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، قاتناش ئەتىرتنىڭ ساقچىلىرى جاۋاپكار ئوXXنى ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغان. جاۋاپكار ئوXXنىڭ 100 مىللىمىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى124.91مىللىگىرام بۇلۇپ (124.91mg/100ml)  مەس ھالەتتە موتسىكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئوXX نىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ -133ماددا -1مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك ،جاۋاپكار ئوXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -15ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار ئوXX غا ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قوشۇمچە 6000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -176ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق   .

تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت

                     تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  9-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  ئوXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :1389923XXXX، 1389922XXXX

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top