欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(乃某某危险驾驶案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 227- نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: نXX ،ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 4415******65010419، پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپا **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، دېھقان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار نXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە بىر قىتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2018- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۇنى سائەت 00 دىن 30مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋابكار نXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新K**895 نومۇرلۇق، «فىڭفەن» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە ** يېزا ** مەھەللە **-گۇرۇپپا ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ماشنا كۇنتۇرۇللىقىنى يۇقۇتۇپ ئۆرلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە جاۋابكار ئۆزى يارلىنىپ قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچىراشتەك قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان.

شىنجاڭ «خېڭجېڭ» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2018] 469-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« جاۋابكار نXXنىڭ ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى 147.7mg/100ml » دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى؛ 5. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار نXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار نXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار نXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار نXXغا 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: ئاسىمجان ئالىم

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋاپكار نXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.

2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top