شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن ت ئەيىپلەش1- بۆلۈم [ 2020]111-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئاXX، ئەر، قازاق، تولۇقسىز مەكتەپ مەلوماتلىق، كەسپى دېھقان،XX19- يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرىXXXX293X654021، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ۋە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورنى غۇلجا ناھىيە XX يېزا XX كەنت مەمەيۈز يولى XX-كوچا XX-نومۇر، پىراۋا ئارخىپ نومۇرى: 65410XXXX606، تۇنجى قېتىم پىراۋا ئالغان ۋاقتى:XX20-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.XX20-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزىلىكى ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئاXXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، XX20- يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قانونىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۇق، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاXX ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە 新FXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ غۇلجا ناھىيە X704 لىنىيىسىدە جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ، غۇلجا ناھىيە ج خ ئىدارسى نوڭدا تەكشۈرۈش پۇنكىتىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن گۇمانى بار دەپ، سۆزلىشىش ئاپاراتى ئارقىلىق غۇلجا ناھىيە ج خ ئىدارسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە دېلو مەلۇم قىلغان، غۇلجا ناھىيە ج خ ئىدارسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار ئاXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. جاۋابكار ئاXXنىڭ قېنىنى ئىلىپ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئاXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى 208.36mg/100ml دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛
1. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
1. جاۋابكارنىڭ ئىقراسى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
1. باھالاشنامە؛
1. نەق مەيدان سۈرەتلىرى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانونلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمونى ئوبىيىكتىپ راسىت، شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى قىلمىش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ھەم ئۆزى خالاپ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار ئاXX قاتناش باشقۇرۇش قانون-نېزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ يوقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىرىنجى مەزمون بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راسىت، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىشى كىرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جاۋاپكار ئاXXكە «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىرىنجى مەزمۇن، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «مەسىتلەر موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرىشتە قانوننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىرى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، 2ئاي 10كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قويۇش جازاسى بېرىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
ياردەمچى تەپتىش: مىرزىئەكرەم مىرزىجالال
ياردەمچى تەپتىش: ئەرپات ئابدۇللا
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلدى، ھازىر سىرىتتا؛
ئىككى توپلام دېلو ماتىرىيالى، 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، سوراق خاتېرىسى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论