欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书玉某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                      ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)-نۇمۇرلۇق             

   جاۋاپكار يXX   ، ئەر ، ئۇيغۇر،1988-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221988 ، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيىە X ئولتۇراق رايۇنى X-بىنا X-كورپۇس  X-ئۆي، نۇپۇسى تۇرشلۇق ئورۇن:ئۇنسۇ ناھىيە X يېزىسى X كەنتX-مەھەللە X-قورو،تولۇقسىزئوتتۇرامەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە  ،مۇقىم كەسپى يوق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسنىڭ قارار قىلىشى بىلەن2020-يىلى 1 -ئاينىڭ 17-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

   ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكاريXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2020-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىزجاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 جاۋاپكاريXX   2020-يىلى 1 -ئاينىڭ 12 -كۈنى، سائەت 02:05  ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ، ئۆزىنڭ 新NXXXXX نومۇرلۇق ئابتوموبىلىغا ياXXنى چىقىرىپ ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە ئۇنۋىرسال سودا بازىرى ئالدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ،شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئونسۇ ناھىيىلىك  ج خ ئىدارسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتى خادىملىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

   جاۋاپكار يXXىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى  mg/100ml100.31 ئىكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

   دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكار يXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.   

قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار يXXنى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                            ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                           تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر

                              پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت    

                             2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكاريXXھازىرئائىلىسىدەكېپىلدە.


评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top