欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书买某某非法采矿案公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                                   خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) 21 -نومۇرلۇق    

جاۋابكار م**، ئەر، ئۇيغۇر، 1976-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ******** 6501021976، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئەسلى يۇرتى: شىنجاڭ ** شەھىرى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ** شەھىرى ** رايونى **كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىستا ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى قانۇنسىز كان ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، شۇ كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، 2019-يىلى8-ئاينىڭ14-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر كىپىللىكتە.

جاۋابكار ق**، ئەر، ئۇيغۇر، 1977-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ******** 6528271977، تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تىجارەتچى، ئەسلى يۇرتى: شىنجاڭ ** شەھىرى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** رايونى **-رايون **-نۇمۇر(يېزا-كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇن **شەھىرى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-قەۋەت**-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى4-ئاينىڭ19-كۈنى قانۇنسىز كان ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، 2019-يىلى7-ئاينىڭ3-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر كىپىللىكتە.

جاۋابكار م**، ق**لارنىڭ قانۇنسىز كان ئېچىش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى10-ئاينىڭ22-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 2019-يىلى 10–ئاينىڭ22-كۈنى جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئۈچ قېتىم ئۇزارتىلدى، دىلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارلارغا «جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى» نى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكارلار بىلەن «جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى» ئىمزالاندى، جاۋابكارلار مەزكۇر دىلودا ئادەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە:

1) 2012-يىلى 6-ئايدا جاۋابكار م**، ق**، ئا** (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ)، ئې** (باشقا ئىسمى: ئې** ئۆلۈپ كەتكەن )، ب** ( باشقا ئىسمى:ج**، ئۆلۈپ كەتكەن) لەر شىنجاڭ **ناھىيە **بازىرى ** جىلغىسىدا قانۇنسىز ئالتۇن كان ئېچىشنى مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، ئا**، ئې**، ب**لار ** ئو**، س**، ج**لارنىڭ  يايلىقىنى ئاغزاكى توختام بويىچە 1مىليۇن 250مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغاندىن كىيىن، ئالتۇن قېزىش تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن بۇ يەرنى م**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)نىڭ قانۇنسىز كان ئېچىشىغا  2مىليۇن 500مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتكەن، يەر ساتقان پۇلنىڭ پايدىسىنى جاۋابكار م**، ق**، ئا**، ئې**، ب**لار 350مىڭ يۈەندىن ئايرىشقان.  

2) 2013-يىلى6-ئايدا جاۋابكار م**، ق**، ب**(باشقا ئىسمى:ج**، ئۆلۈپ كەتكەن )، ئې** (باشقا ئىسمى: ئې** ئۆلۈپ كەتكەن)، م**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)لار شىنجاڭ **ناھىيە ** بازىرى ** جىلغىسىدا ئالتۇن كان ئېچىشنى مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، د** ئىسىملىك مۇڭغۇلنىڭ يايلىقىنى بىر يىللىق ھەققى ئۈچۈن 500مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغاندىن كىيىن، ھېچقانداق كان ئېچىش رەسمىيتى يوق ئەھۋال ئاستىدا دىلەيدىن سېتىۋالغان يايلاقنىڭ بىر مو يېرىدە شۇ يىلى8-ئايغىچە قانۇنسىز ئالتۇن كان ئاچقان، بۇ جەريانىدا جاۋابكار م**، ب**، ئې**لەر قانۇنسىز كان ئاچقان يەردە تۇرۇپ كاننىڭ ئۇمۇمي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، م** ئالتۇن قىزىش تېخنىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، بۇ جەريانىدا جاۋابكار ق** كولانغان ئالتۇنلارنى جاۋابكار م** بىلەن بىللە سېتىش، ئالتۇن ساتقان پۇلنى ب**(ج**) قا يۆتكەپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولغان، 2013-يىلى 6-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا جاۋابكارلار كان ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز مەيلىچە كان ئېچىش مەنئى قىلىنغان شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** جىلغىسىدا رەسمىيەتسىز 11 كىلوگىرام كىپەك ئالتۇن قېزىپ، 2مىليون 800 مىڭ يۈەنگە ساتقان (بۇ 11كىلو ئالتۇننىڭ 10كىلوسىنى ئا**بىلەن م**غا جەمئىي 2مىليۇن 600مىڭ يۈەنگىچە ساتقان، قالغان 1كىلو ئالتۇننى ج** تۇنۇشتۇرغان بىر خەنزۇغا 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ساتقان). ئالتۇن كان قېزىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ب**(ج**) جاۋابكار م**غا پايدىسى ئۈچۈن ئىككى كىلوگىرام كىپەك ئالتۇن بەرگەن، جاۋابكار م** بۇ ئىككى كىلوگىرام كىپەك ئالتۇننى ئابلىمىت ساتتارغا 500مىڭ يۈەنگە ساتقان، ب**پايدىسىغا جاۋابكار ق**غا 100مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن) ھەم يەرلىكنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 خېجىڭ ناھىيىلىك يايلاق خىزمىتى ئىشخانا پونكىتى م** قاتارلىقلارنىڭ قانۇنسىز كولاپ بۇزىۋەتكەن يەرنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمىنى 1 مو دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.   

جاۋابكار م** خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ** شەھىرىدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇلغان، جاۋابكار ق** تورغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ق** بىلەن ئالاقىلىشىپ ق**نى ج خ ئىدارىسىگە چاقىرىتقان، جاۋابكار ق**ساقچىلارنىڭ تىلىفۇننى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە بېيجىڭدىن ئايرىپىلانغا ئولتۇرۇپ كورلا شەھەرلىك ئايدۇرۇمغا كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

جاۋابكار م** جىنايىتىنى ئاكىتىپلىق بىلەن ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرغان ۋە قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان 850مىڭ يۈەن پۇلنى تاپشۇرغاندىن كىيىن، پۇل بايىنغۇلىن ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى مالىيە بۆلۈمىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇلغان، جاۋابكار ق**ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئاكىتىپلىق بىلەن ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرغان ۋە قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان 500مىڭ يۈەننى تاپشۇرغاندىن كىيىن،  پۇل بايىنغۇلىن ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى مالىيە بۆلۈمىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇلغان.   

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۇرۇش-ئېنىقلاش خاتىرسى ۋە رەسىمى، تۇنۇتۇش رەسىمى ۋە خاتىرىسى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار م**، ق**لار قىزىلما بايلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز مەيلىچە كان ئېچىش مەنئى قىلغان رايونلاردا قانۇنسىز ئالتۇن قازغان، قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 343-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، شۇڭا قانۇن بويىچە قانۇنسىز كان ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، شۇڭا جاۋابكار م**، ق**لارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر. 

      ھۆرمەت بىلەن:                          

                     خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                             

                                 

                                     تەپتىش:ئەركىنجان تۇردى

                                   2020-يىلى5-ئاينىڭ6-كۈنى

1)جاۋابكار م**، ق**لار خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىللىككە بىرىلگەن.  م**نىڭ ئالاقىلشش نۇمۇرى: ********136، ق**نىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: ********138

2)ئەيىپنامە 13 نۇسخا

3)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىككى نۇسخا

4)جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ئىككى نۇسخا

5)دېلو ئارخىۋى تۆت توپلام.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top