欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

赛某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى               

                          شايار ت ج ئە چىقىش (2020)825-نومۇرلۇق

جاۋابكار سXX، ئەر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292419XXXXXXXXXX، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، دېھقان، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنت X-گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سەXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)601-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار سەXX XX-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:00لەر ئەتىراپىدا، XX ناھىيە «XX يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قوراشتۇرۇش شىركىتى»نىڭ ياتاق رايۇنىدىكى ئۆزىنىڭ ياتىقىدا ئەXX، ئاXX بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ، بېيجىڭ ۋاقتى 2:30لەر ئەتراپىدا XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت X-گۇرۇپتىكى ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن، ھاراق ئىچكەن ياتاقنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ 新NS43XX نۇمۇرلۇق، ئىككى چاقلىق، قىزىل رەڭلىك، ئەرەنچە موتوسىكىلىتىنى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ، XX ناھىيە XX بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ يان تەرىپىدىكى يولدا كىتىۋاتقاندا، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان XX ناھىيە XX بازارلىق ساقچىخانىسى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان.

باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار سەXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 111.31 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار سەXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار سەXXكە 1 ئاي 25كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 3700 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: رXX

           2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (68بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن.

3) «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top