欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

财某某诈骗案

2021-09-25 尘埃 评论0

                    شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

                كورلا شەھەرلىك  خەلق تەپتىش   مەھكىمىسىنىڭ 

                                   ئەيىپلەشنامىسى

                            ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020) 147-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار    XX ،ئەر، ****-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:  ********6528011997  ، ئۇيغۇر،تۇلوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،  نوپوسى  ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھىرى **يېزىسى **كەنت*-گۇرۇپ **-نومۇر  ،  كەسپى  يوق، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك  ج خ ئىدارىسى  تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلوپ، 2019- يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى  بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە  بېرىلگەن . ھازىر ئائىلىسدە .  

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى1-ئاينىڭ 27-كۈنى جاۋاپكارنىڭ ئالدامچىلىق  قىلىش  جىنايەت گۇمانىغا چېتىشلىق 3  توپلام دىلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،دىلونىڭ تۇلوقلاشقا تىگىشلىك تەرەپلىرى بولغاچقا ،باش تەپتىشنىڭ تەستىقى    بىلەن ، بىر قىتىم تۇلوقلاشقا قايتۇروپ، بىر قىتىم دىلو سۈرۈك ۋاقىتىنى ئوزارتتۇق. بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.

قانۇن بۇيىچە   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

1. جاۋاپكار xx ،مەxx(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندۇ)نىڭ ئالدامچىلىق قىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئوزىنىڭ يانغۇنىنى مەxxىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن ،مەxx(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)2019-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنلىرى ۋە ( 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنلىرى ئەتراپىدا «چۆنيۆ خوشىيەن»ئويۇنى ئويناپ « مۇكاپات تاقىتىمەن، قىزىل بولاق تاقىتىمەن،ئەگەشتۈرۈپ ئويۇن ئوينايمىز »دېگەن بانا سەۋەپلەر بىلەن ، زىيانلانغۇچى شxx ۋە زىيانلانغۇچى  يۈەنxxنى جاۋاپكار  سەxxىڭ يانغۇنى ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشۇپ ، زىيانالانغۇچى شىxxنى ئالداپ  بىر قىتىمدا 14مىڭ  يۈەن نەق پولنى ،زىيانلانغۇچى  سوڭxxنى  ئالداپ، جەمئى 4قىتىمدا ، 13000 يۈەن نەق پۇلنى  ئالداپ ئېلىۋېلىپ، جاۋاپكار  سەxxنىڭ بانكا كارتىسىغا  يۈتكەپ ، يۇقارقى پولنى  بانكىدىن  چىقىرىپ،بۇ پولدىن جاۋاپكار  سەxx2000يۈەنگە خۇاۋېي ماركىلىق تېلفون ،2300 يۈەنگە شياۋمى ماركىلىق تېلفون،4000يۈەنگە ماڭا ئالما ماركىلىق تىلىفۇن ئالغان  ، قالغان پوللارنى    بىللە خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كيىن ئىختىزادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. ئالدامچلىق ئومۇمى سۇممىسى 27مىڭ يۈەن.  

    جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى:  يازما  ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،  گۆۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۇزى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق قاتارلىق  دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار  سەxx  قانۇنىسىز پايدا تىپىش مەقسىتىدە  ،باشقىلارنىڭ تۇردا ئالدامچلىق قىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئونىڭ بىلەن  بىرلىشىپ ، 2قىتىمدا ، ئوزىنىڭ تىلىغۇن ۋە ئۈندىدارى ئارقىلىق   باشقىلارنى ئالداپ ئىلىۋالغان   پوللارنى بىللە خەجلىگەن   يۇقارقى  قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ ، 266- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئالدامچلىق  جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى  بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق ، قانۇن  بويىچە  ھۆكۈم  قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

          كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە:

                            تەپتىش :خاسىيەت ئابىدۇكىرەم

                       2020-يىلى 3-ئاينىڭ  11-كۈنى 

ئەسكەرتىش :
 (1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 3 توپلام ،  10نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى .
 (2) جاۋابكار كىپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top