欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

西某某危险驾驶罪起诉书

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

  ل ت ج ئەيىپلەش 1-بۆلۇم (2020)  67- نومۇرلۇق 

جاۋاپكار شىرxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx– يىلى xx– ئاينىڭxx– كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى: 652823xxxxxxx، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx يولى xx- نومۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان. 2019– يىلى 3– ئاينىڭ 1– كۈنى خەتەرلىك يول يۇرۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.2019– يىلى 3– ئاينىڭ 8– كۈنى خەتەرلىك يول يۇرۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار شىرxxxنىڭ خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار شىرxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

2019– يىلى 1– ئاينىڭ 30– كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا، جاۋابكار شىرxx (C1 شوپۇرلۇق پىراۋىسى بار)، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新xxx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ (ماشىنىغا ئاxxنى سېلىپ)، xx ناھىيە xx كەنتى xx بايراق يولىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ماڭغان يول بۆلىكىدە، xx ناھىيە ج خ ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتى قۇرلۇش يولى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 910– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، شىرxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 290 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن. 

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار شىرxx قاتناش– تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن– نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار شىرxxxقا 3 ئايدىن يوقىرى 4 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

xxx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

                                            تەپتىش : ئەنۋەر ئابلەت

                                                     نۇرزىيە تۇيغۇن

                                 2020- يىلى 9 - ئاينىڭ 8- كۈنى  

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top