欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

西某某、努某某、依某某等三人涉嫌诈骗案起诉书

2021-09-20 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2021)10–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار شەX،ئەر،ئۇيغۇر،-XيىلىX-ئاينىڭX-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى:652901X،نوپوس تۇرۇشلۇق جايى X: شەھەرX يېزىسىX كەنىت2-گۇرۇپ32-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايىX: شەھەر X يېزىسى X كەنتى2-گۇرۇپ32-نۇمۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيەسىگە ئىگە،سىياسى قىياپىتى ماسسا،مۇقۇم كەسپى يوق،2019-يىلى9-ئاينىڭ20-كۇنى X شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسىى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ،2020-يىلى4- ئاينىڭ 19-كۇنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن.2020- يىلى9- ئاينىڭ13 -كۈنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەنX ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى10-ئاينىڭ13-كۇنى Xناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان، جاۋاپكار ھازىر X ناھىيىلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.

جاۋاپكار ياX،ئەر،ئۇيغۇر،X–يىلى04-ئاينىڭ21-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى: 652901X،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى:X شەھىرى X يېزا X كەنىت 3-گۇرۇپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،مۇقۇم كەسپى يوق،سىياسى قىياپىتى ماسسا،2020-يىلى7-ئاينىڭ21-كۇنى X خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ،ئىلگىرى جىنايى ئىشلار بويىنچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان ۋاقىتقا سۇندۇرۇلۇپ جازاسى ئىجرا قىلنىپ بولغان.2020 –يىلى 12 –ئاينىڭ 03-كۇنىX ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئادامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن،جاۋاپكار ياX ھازىر ئائىلىسىدە.

جاۋاپكار نۇX،ئايال،ئۇيغۇر،X–يىلى07-ئاينىڭ06-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمىرى: 652901X،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى:X شەھەر X ئولتۇراق رايۇنى X رايۇن X-بىنا 2-كۇرپۇس 201-نۇمۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،مۇقۇم كەسپى يوق،سىياسى قىياپىتى ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان.2020 –يىلى9–ئاينىڭ 13-كۇنى X ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئادامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن  تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن، جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار شەX،نۇX،ياX قاتارلىقلارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى07-ئاينىڭ13-كۇنى جاۋاپكار شX،جاۋاپكار يX، جاۋاپكار نۇX ،مۇX (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) ، جىX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)،مەX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس) ،گۇX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)قاتارلىقلار X شەھەر پويىز ئىستانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىرگە يۇرۇش جەريانىدا،يېنىدا پۇل تۇگەپ كەتكەن،جاۋاپكار شەX جاۋاپكار يX،جاۋاپكار نۇX،مۇX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)،جX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)،مەX (سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)،گۇX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)قاتارلىقلارغا«يېنىمىزدا پۇل تۇگەپ كەتتى،مەن بۇرۇنقى قىلغان ئىشىمنى قىلىپ باقاي»دىگەندە،جاۋاپكارلار ماقۇل بولغان،جاۋاپكار شەX مۇX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)نىڭ X نۇمۇرلۇق ئۇندىدار نۇمىرىنى سوراپ ئېچىپ بولغاندىن كېيىن،گۇX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)،مەX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)،جاۋاپكار نۇXقاتارلىقلارغا«سىلەر سىرتقا چىقىپ مۇX ئۇندىدارىنى باشقىلار دىن سوراپ ئۇندىدار توپقا قاچىلاپ كىرىڭلار،بىز ئۇندىدار توپى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆسۇمسىز قەرىز بېجىرمىز دەپ ئۇچۇر يوللاپ،ئۇلارنىڭ بانكا كارتىسى،تىلفۇن نۇمىرى،كىملىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەۋەتكۇزۇپ،بانكا كارتىسىنىڭ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىپ خەجلەيمىز»دېگەن،گۇX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)،مەX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)،جاۋاپكار نۇX قاتارلىقلار ماقۇل بۇلۇپ سىرتقا چىقىپ تۇنىمايدىغا كىشلەرگە«بىز خىزمەت ئىدىمەكچى ئىدۇق،بىزنى ئۇندىدار توپىغا قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز»دەپ مۇX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىغان)نىڭX نۇمۇرلۇق ئۇندىدارىنى ئۇچۇر توپلىرىغا قۇشۇپ، تىلفۇننى جاۋاپكار شXبەرگەن،جاۋاپكار شەX ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە مۇX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىغان)نىڭ ئۇندىداردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر توپىغا« ئۆسۇمسىز قەرىز بېجىرمەن،قەرىز مۇددىتىنى ئۆزىڭىز بېكىتىسىز،ۋاقتى 6 ئايلىق،12 ئايلىق،24 ئايلىق،قەرىز بېجىرىش ئۇچۇن 10 مىڭ يۈەنگە 325 يۈەن پۇل مۇلازىمەت ھەققى ئالمەن،ئەگەر قەزىر بېجىردىغان دوستلار بولساڭلار مېنى ئايرىم قۇشۇڭلار،قەرىز پۇل كارتاڭلىغا چۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مۇلازىمەت ھەققى ئالمەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ماڭا مۇلازىمەت ھەققى ئۇچۇن پۇل بەرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ»دەپ ئۇچۇر يوللىغان. زىيانلانغۇچى ئاXيۇقارقى ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن جاۋاپكار شەXنى ئۇندىداردا دوست قىلىپ قۇشۇپ،ئۆزىنىڭ قەرىز پۇل بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى دېگەن،جاۋاپكار شX زىيانلانغۇچى ئاXغا قەرىز پۇل بېجرىش ئۇچۇن ئالدىن بانكا كارتىسى،تىلفۇن نۇمىرى،كىملىك نۇمىرى قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ بېرىشنى دىگەندە،زىيانلانغۇچى ئاX ماقۇل بۇلۇپ،يۇقارقى نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ بەرگەن،جاۋاپكار شXزىيانلانغۇچى ئاXىڭ بانكا كارتىسىنى مۇ (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىغان)نىڭ ئۇندىدارغا باغلاپ،بانكا كارتىسىدىن 10387 يۈەن پۇلنى دەلىلىلەش نۇمىرى ئەۋەتىپ ئالداپ ئېلۋالغان،جاۋاپكار شەX 10387 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كېيىن جاۋاپكار يX،جاۋاپكار نۇX،مۇX (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)،جX(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)،مەX(سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)، گۇ (سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)قاتارلىقلار بىلەن بىرگە خەجلەپ تۇگەتكەن.(زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن).

    يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1›يازما ئىسپات2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى3›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى4>جاۋاپكارلار نىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
     يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار شە X،نۇX،يX قاتارلىقلارنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ266-ماددا1-تارماق بەلگىلمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق ،دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق،ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكار لىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار شە X،نۇX،يX قاتارلىقلارنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،جاۋاپكارلارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك، گۇماندار شە X،نۇX،يX قاتارلىقلار ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋىپ يەتكۈزدىغان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يول قويغان ھەمدە بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكەزگەن،گۇماندار نۇX بىلەن ياX جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئاساسى رول ئوينىمىغان، ئەگەشكۈچىلىك رولىنى ئوينىغان،شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25-ماددا،27-ماددا بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كىرەك دەپ قاراپ«جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

  ھۆرمەت بىلەن:

  ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

باش تەپتىش: سەمەت ئوسمان

ياردەمچى تەپتىش:مىرزات مەمەت

2020-يىل 1-ئاينىڭ12-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› جاۋاپكار شX ھازىر قاماقخاندا.جاۋاپكار نۇXياX ئائىلىسىدە

2›18پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋېتكا دېلوسى ؛

3›7دانە ئوپتىك دىسكا(جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top