欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

苏某某危险驾驶案

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019) 129- نومۇرلۇق 

جاۋاپكار سۇxxx،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652823xxxxxxx، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي:ئۆمۈر سۇغۇرتا شېركىتىدە كەسىپ بېجىرگۈچى خادىم، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى:xxx ناھىيە xxx يېزا xxx كەنىت xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xxx ناھىيەxxx رايونى xx-بىنا xx-ئىشىك xx-ئۆي،2019-يىلى 1-ئاينىڭ27-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2019-يىلى12–ئاينىڭ17-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.                                                                         

لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكارسۇxxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى 12– ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار سۇxxxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

2019-يىلى1-ئاينىڭ9-كۇنى ،سۇxxx ھاراق ئىچىپ xxxM新 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومىبىلنى ھەيدەپ ، دۆلەت يولى 218-لىنىيە 736كىلومېتىر+300مېتىرلىق يول بۆلىكىگەكەلگەندە،لوپنۇرناھىيلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى بازارلىق ئوتتۇرا ئەتىرەت ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقالغان ، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]341–نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە سۇxxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەريۈزمىللىلېتىر قان تەركىبىدە قان ئەۋرىشكىسىدىكى217مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكار سۇxxxx قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار سۇxxكە3 ئايدىن يۇقىرى 4 ئايدىن توۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە8000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت

2019- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top