欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

芒某盗窃一案起诉书(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                           شايار ت ج ئە  (2020) 681 -نومۇرلۇق  

جاۋابكار مxx، ئايال، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، xx سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك خىزمەتچىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى: شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گوروپ 43-نۇمۇر، ھازىر شايار ناھىيە xx بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى x-بىنا x-كۇرپۇس 502-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار مxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 231-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

 جاۋابكار مxx 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 لەر ئەتىراپىدا، زىيانلانغۇچى ھxxنىڭ شايار ناھىيە بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا x-كۇرپۇس 202-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە بېرىپ، زىيانلانغۇچى ھxx بىلەن كۆرۈشۈپ بىرگە تاماق يەپ KTV غا بېرىپ ئويناپ كەلگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ھxxنىڭ ئۈيىدە قۇنۇپ قېلىپ، ھاجەتكە چىقىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ھxxنىڭ ياتاق ئۆيىگە قۇيۇپ قويغان قىزىل رەڭلىڭ ئالتۇن قېپىنى كۆرۈپ، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە ھxx دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، زىيانلانغۇچى ھxxنىڭ بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، بىر دانە ئالتۇن زەنجىر، بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك، بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈك، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا بۇلۇپ، جەمئى 50.77 گىرام 15536 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى ئوغرىلاپ سومكىسىغا سېلىپ قۇيۇپ، ئەتىسى ئويغانغاندىن كىيىن سومكىىسنى ئېلىپ زىيانلانغۇچى ھxxنىڭ ئۈيىدىن چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار مxxنىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار مxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مxx جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن بۇلۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار مxxگە 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ، جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلىش توغىرسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن : 

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جاۋابكارنىڭ پۇشايماننامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام 125 بەت ) بىرگە يوللاندى.  2)  جاۋابكار ھازىر ئائىلسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top