شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 949-نومۇرلۇق
ئاXX،ئەر،ئۇيغۇر،19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652924********0062، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە،يەككە تىجارەتچى، قامىلىشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە **بازىرى ** رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر. نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شايار ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى **-نۇمۇر قۇشۇمچە **-نۇمۇر. ئىلگىرى جازالانمىغان. زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ **-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى8-ئاينىڭ **-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
جاۋابكار ئەXX،ئەر،ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 2331********652924، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، تىجارەتچى، قامىلىشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى **-كوچا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شايار ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى **-تار كوچا **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ **- كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى8-ئاينىڭ **-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
نXX،ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0034********652924، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، تىجارەتچى، قامىلىشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە ** بازىرى ** رايونى **-بىنا**-كورپۇس**-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شايار ناھىيە ** بازىرى ** رايونى** -بىنا **-كۇرپۇس **-ئوي، ئىلگىرى جازالانمىغان. زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 2020-يىلى 7- ئاينىڭ **-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ،2020-يىلى8-ئاينىڭ**-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاXX ، ئە XX ، ن XX لارنىڭ زەھەرنى قانۇنسىز ئىلىكىدە تۇتۇش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020)126- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاXX ، ئە XX ، ن XX لار 2020- يىلى 6-ئاي مەزگىلدە، تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان زەھەرنى (يەرلىك نامى دىفىن) سېتىۋېلىشنى مەسلەھەتلىشىپ، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى خوخخۇت شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئاXX (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ، تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان ھەر 100 دانە تابلىتكىنى بىر قۇتىغا قاچىلاپ تىز يوللانمىدىن سېلىپ بىرىشنى دىيىشىپ، جاۋابكار ئە XX 80 قۇتىغا قارتا 2400 يۈەننى، جاۋابكار ن XX 50 قۇتىغا قارتا 1800 يۈەننى، جاۋابكار ئاXX 150 قۇتىغا قارتا 5300 يۈەننى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالىدا ھېساب يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاXX نىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاXX يۇقارقى 9500 يۈەننى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان تابلىتكىنى ھالرەڭ يۇڭلۇق ئۇيۇنچۇق قونچاق ئېيىق ئىچىگە يۇشۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى «شۈنفېڭ تىز يوللانمىسى» دىن جاۋابكار ئە XX نىڭ شايار ناھىيىسىدىكى ئادىرىسىغا ئەۋەتكەن. جاۋابكار ئە XX 2020-يىلى 7-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت 15:30لەردە،شايار ناھىيە بازىرى تەۋەسىدىكى«شۈنفېڭ تىز يوللانمىسى» غا يۇقارقى تېز يوللانمىنى ئالغىلى كەلگەندە،ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئە XX نىڭ نامىغا ئەۋەتىلگەن قەغەز يېشىككە قاچىلانغان ھالرەڭ يۇڭلۇق ئۇيۇنچۇق ئېيىقنىڭ ئىچىدىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى دانە مايىسىرەڭ سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان 1622.35 گىرام ئېغىرلىقتىكى تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان ئاق رەڭلىك تابلىتكا بايقالغان. جاۋابكار ن XX ، ئاXX لار شۇ كۈنى شايار بازىرى تەۋەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان بىر قۇتا(100دانە تابلىتكا) ئاق رەڭلىك تابلىتكىنىڭ ئېغىرلىقى 6.44گىرام، ئۇمۇمى قولغا چۈشكەن 1622.35 گىرام تابلىتكا جەمئى 251قۇتا ، جاۋابكار ئە XX 2400يۈەنگە 63قۇتا، جاۋابكار ن XX 1800يۈەنگە 48قۇتا، جاۋابكار ئاXX 5300يۈەنگە 151قۇتا سېتىۋالغان دەپ بېكىتىلگەن.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئېلىپ بارغان تەھقىقلەش سىنىقى ۋە دۆلەتلىك يىمەكلىك- دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2004-يىلى10-ئايدا چىقارغان قانۇنسىز دورىنى زەھەرگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش جەدىۋېلىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، جاۋابكار ئە XX سېتىۋالغان 63قۇتا تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان تابلىتكىنىڭ ئېغىرلىقى 409گىرام، خىروئىنغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 21گىرام، جاۋابكار ن XX سېتىۋالغان 50قۇتا تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان تابلىتكىنىڭ ئېغىرلىقى 306گىرام، خىروئىنغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 15گىرام، جاۋابكار ئاXX سېتىۋالغان 140قۇتا تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان تابلىتكىنىڭ ئېغىرلىقى901گىرام، خىروئىنغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 45گىرام دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقارقى پاكىت ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى، سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئاXX ، ئە XX ، ن XX لارنىڭ باشقىلاردىن زەھەرلىك بۇيۇمنى سېتىۋېلىش جەريانىدا قولغا چۈشكەن قىلمىشىدىن زەھەرنى قانۇنسىز ئىلىكىدە تۇتۇش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكارلار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قائىل بولغان، جاۋابكار ئاXX، ئە XX، ن XX لارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 348-، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. زەھەرگە قارىشى تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ15-، 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论