欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌盗窃案起诉书_阿瓦提县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

阿瓦提县人民检察院 

起 诉 书

阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕202号 

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

      ئا،ت1-بۆلۈم ج،ئە(2020)  202 -نۇمۇرلۇق

  جاۋاپكارxx ، ئەر، ئۇيغۇر ،xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : xxxx65292819، يۇرتى x ناھىيە x يىزا xكەنىت- xگۇرۇپ- xنۇمۇر،،قامىلىشىتىن ئىلگىركى ئولتۇرغى:x ناھىيە ئx مەيدان -xكۇچا -xنۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان ،ماسسا، ئەقلى- ھوشى ساق،2007-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تارتىۋىلىش جىنايىتى ئۈچۈن  مۇددەتلىك 1يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.2011-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن  مۇددەتلىك 6ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2014-يىلى6-ئايدا ئاتۇش شەھەر ئاقچى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر (نەشە) چىكىش قىلمىشى ئۈچۈن 15كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2015-يىلى6-ئايدا كورلا قاراشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر (نەشە) چىكىش قىلمىشى ئۈچۈن 15كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2014-يىلى 1-ئايدا باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق ئەسۋاپ(پىچاق) ئېلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 10كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2016-يىلى 2-ئايدا تۇرپان شەھەر توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق قىلمىشى ئۇچۇن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەستىقىلىشى بىلەن قۇلغا ئېلىنغان،ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

  ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار xxنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

    قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

<1> 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۇنى(شەنبە) جاۋاپكار xx ئۈزىنىڭ x ناھىيە x مەيدان -xكۇچا -xنۇمۇر ئۈيىدە ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۇرۈپ، كەچ سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 10لاردا ئۆيدىن چىقىپ x ناھىيە بازار ئىچىگە كىرىپ كوچا ئايلىنىپ xxكوچىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر خەنزۇ يولداشنىڭ ھاراق تاماكا ساتىدىغان دۇكانغا كىرىپ 6 يۇەنگە ئىككى رومكا كۇبى ماركىلىق ئاق ھاراق(ھەر بىر رومكىسى 100 گىرام)ئېلىپ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن دۇكاندىن يېنىپ چىقىپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:30لار ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە،xx ناھىيە بازار ئىچىنى چۆگلەپ،نەxx مەيداننىڭ يېنىدىكى 24 سائەت ئاچىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىكى يول بىلەن ئوستەڭ بويلاپ مېڭىپ،x بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىگە رىشاتكىدىن ئارتىلىپ كىرگەن،جاۋاپكار xx ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن 2-نۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قۇيۇلغان زىيانلانغۇچى xxنىڭ 新Nxx نۇمۇر تاختىلىق،قارا رەڭلىك پىكاپ ماشىنىسىنى كۈرۈپ ئىچىگە قارىغاندا،ماشىنا ئىچىدە پورتمال بارلىقىنى كۆرگەن،جاۋاپكار xx ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ ئىچىدىكى پورتمالنى ئوغۇرلاش مەقسىتىدە -xxنۇمۇرلۇق-xx  بىناكورپۇسنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ بىر نەرسە ئىزدەپ تاپالماي يېنىپ چىقىپ،رىشاتكىدىن ئارتىلىپ چۇشكەن يەرگە بېرىپ،رىشاتكىدىن بىر تال تۈمۈرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ،زىيانلانغۇچى xxنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، شۇپۇر ئولتۇرغان تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئەينىكىنى قايرىغاندا،تۈمۈر ئىگىلىپ كەتكەن، جاۋاپكار xx تۈمۈر بولمايدىكەن دەپ تاشلىۋېتىپ،باشقا قاتتىق نەرسىلەرنى ئىزدەپ مېڭىپ بىر توك موتسىكىلىتىغا قىستۇرۇپ قويغان،تۆت قىرلىق لوسىنى بوشتىدىغان ئەتتىركىنى كۈرۈپ قېلىپ،بۇ ئەتتىركىنى ئېلىپ زىيانلانغۇچى xxنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ،ئەتتىركىنى ماشىننىڭ شۇپۇر ئولتۇرغان تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئەينەكنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قايرىغاندا،ماشىنىنىڭ ئەينىكى سۇنۇپ چېقىلغان.جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ماشىنىنىڭ شوپۇر جەينىكىنى قۇيىدىغان جايغا قۇيۇپ قويغان قىزغۇچ پورتمالنى ئېلىپ ئاختۇرۇپ،ئىچىدىن ھىچقانداق پۇلغا يارايدىغان نەرسە تاپالمىغاندىن كىيىن پورتمالنى ماشىنىنىڭ ئاستىغا تاشلاپ قۇيغان،جاۋاپكار xx ماشىنىنىڭ ئىچىنى داۋاملىق ئاختۇرۇپ شوپۇر جەينىكىنى قۇيىدىغان ئورۇندىن 300 يۇەن ئەتراپىدا پۇل چىققاندىن كىيىن ،بۇ پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ مېڭىپ،9-نۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە،زىيانلانغۇچى xxنىڭ新Nxx  نۇمۇر تاختىلىق،ئاق رەڭلىك پىكاپ ماشىنىسىنى كۈرۈپ ئىچىگە قارىغاندا،ماشىنىنىڭ كەينى ئۇرۇندۇقىدا كىيىم-كىچەك ۋە كۈلرەڭ كەينىگە ئاسىدىغان سومكا بارلىقىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار xx قۇلىدىكى ئەتتىركە ئارقىلىق ماشىننىڭ ئوڭ كەينى تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئەينىكىدىن ئەتىركىنى تىقىپ قايرىغاندا،ماشىنىنىڭ ئەينىكى چېقىلغان،جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى تىقىپ ماشىنىدىكى كىيىم-كىچەك ۋە كۈلرەڭ كەينىگە ئاسىدىغان سومكىنى ئېلىپ ئاختۇرغاندا ھىچنىمە چىقمىغان،شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار xx بۇ نەرسىلەرنى ماشىنا ئىچگە تاشلاپ قۇيۇپ،داۋاملىق ئوغۇرلۇق قىلىش ئۇچۇن مېڭىپ -xxنۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ زىيانلانغۇچى xxنىڭ 新Nxx نۇمۇر تاختىلىق،ئاق رەڭلىك،ئىگىزراق ماشىنىنى كۈرۈپ، ئەتتىركە بىلەن ماشىننىڭ قۇشۇمچە شوپۇر تەرەپتىكى ئىشىكىنىڭ ئەينىكىدىن ئەتىركىنى تىقىپ قايرىغاندا،ماشىنىنىڭ ئەينىكى چېقىلغان،جاۋاپكار ئەينەك چېقىلغان جايدىن قۇلىنى تىقىپ شوپۇرنىڭ جەينىكىنى قۇيىدىغان جايىنى ئاختۇرغاندا،ئىچىدىن 30 يۇەن ئەتراپىدا پارچە پۇل چىققان،جاۋاپكار xx بۇ پۇلنى ئېلىپ يەنە داۋاملىق ئوغۇلۇق قىلىش ئۈچۈن ماڭغاندا ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىدە ماشىنىنىڭ چىرىقى يۇرۇپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار xx ئولتۇراق رايۇنغا كىرگەن جايىغا بېرىپ،رىشاتكىدىن ئارتىلىپ ئۆستەڭ بويى تەرەپكە چىقىپ،بىر دۇكانغا كىرىپ بىر قۇتا ئاق ھاراق ۋە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ،70 يۇەن ئەتراپىدا پۇل تۆلەپ دۇكاندىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن.(يۇقارقى ئۈچ نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەسلىگە كەلمىگەن)

<2>  2019-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى (شەنبە) كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن ئاشقاندا جاۋاپكار xxنىڭ يېنىدا پۇل تۈگەپ كىتىپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ،ئالدىنقى قېتىم ئوغۇرلۇق قىلغاندا ئىشلەتكەن ئەتىركىنى ئېلىپ،ئورمان مەيداندىكى ئۈيىدىن چىقىپ،2-3سائەت بازار چۆگلەپ يۈرۈپ،xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى سەھەر سائەت 2لەر ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن xx بازىرى گۈلدىيار ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن مېڭىپ ئەتلەس ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە كىرگەن،جاۋاپكار xx ئالدىن تەييارلىغان ئەتىركىنى ئېلىپ،ئەتلەس ئولتۇراق رايۇنى 9- نۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى xxنىڭ 新Nxx نۇمۇر تاختىلىق قىزىل رەڭلىك پىكاب ماشىنى كۈرۈپ ئىچىگە قارىغاندا،ماشىنىنىڭ كەينى ئۇرۇندۇقتا بىر دانە ئايالچە سومكا بارلىقىنى كۈرۈپ،جاۋاپكار xx ئەتىركىنى ماشىنىنىڭ ئوڭ كەينى تەرەپتىكى ئىشىكىنىڭ ئەينىكىگە تىقىپ قايرىغاندا،ئەينەك چىقىلغان،جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى تىقىپ،سومكىنى ئېلىپ ئاختۇرغاندا ئىچىدىن ھىچنىمە چىقمىغان،شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار xx سومكىنى شۇ جايىغا تاشلاپ قۇيۇپ،ئالدىغا قاراپ مېڭىپ xx ئولتۇراق رايۇنى- xxنۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان،زىيانلانغۇچى xxنىڭ 新Nxx نۇمۇر تاختىلىق،ئاق رەڭلىك ئىگىز ماشىنىسىنى كۈرۈپ ئىچىگە قارىغاندا،ماشىنىنىڭ كەينى ئۇرۇندۇقتا بىر دانە ئايالچە سومكا بارلىقىنى كۆرگەن،جاۋاپكار xx ماشىنىنىڭ سول كەينى تەرەپتىكى ئىشىكىنىڭ ئەينىكىگە ئەتىركىنى تىقىپ قايرىغاندا،ئەينەك چىقىلغان،جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى تىقىپ،سومكىنى ئېلىپ ئاختۇرغاندا،سومكا ئىچىدىن 300يۈەن نەق پۇل چىققان،جاۋاپكار xxنەق پۇلنى ئېلىۋىلىپ سومكىنى شۇ جايىغا تاشلاپ قۇيۇپ ،ئوغۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن مېڭىپ -xxنۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان،زىيانلانغۇچىxxنىڭ 新Nxx نۇمۇر تاختىلىق ،كۈمۈش رەڭلىك پىكاپ ماشىنىنى كۈرۈپ ئىچىگە قارىغاندا،ماشىنىنىڭ شوپۇر ئولتۇرىدىغان ئورۇندا بىر دانە ئەرەنچە سومكا بارلىقىنى كۆرگەن،جاۋاپكار xx ماشىنىنىڭ شوپۇر تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئەينىكىگە ئەتىركىنى تىقىپ قايرىغاندا ئەينەك چىقىلغان،جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى تىقىپ،سومكىنى ئېلىپ ئاختۇرغاندا ئىچىدىن ھىچنىمە چىقمىغان،شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار xx سومكىنى شۇ جايىغا تاشلاپ قۇيۇپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ ئەتلەس ئولتۇراق رايۇنى -xxنۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى xxنىڭ 新Nxx نۇمۇر تاختىلىق، ئاق رەڭلىك ئىگىز ماشىنىنىڭ ئىچىگە قارىغاندا كەينى ئۇرۇندۇقتا بىر دانە ئايالچە سومكا بارلىقىنى كۆرگەن،جاۋاپكار xx ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ كەينى ئىشىكىنىڭ ئەينىكىگە ئەتىركىنى تىقىپ قايرىغاندا ئەينەك چىقىلغان،جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى تىقىپ،سومكىنى ئېلىپ ئاختۇرغاندا ئىچىدىن ھىچنىمە چىقمىغان،شۇنىڭ بىلەن سومكىنى شۇ جايىغا تاشلاپ قۇيۇپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ ئەتلەس ئولتۇراق رايۇننى -xxنۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى گۈxxنىڭ 新Axx نۇمۇر تاختىلىق،قىزىل رەڭلىك پىكاپ ماشىنىنىڭ ئىچىگە قارىغاندا، قۇشۇمچە شوپۇر ئۇرۇندۇقتا بىر دانە ئەرەنچە پورتمال بارلىقىنى كۆرگەن،شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار xx ماشىنىنىڭ قۇشۇمچە شوپۇر تەرەپتىكى ئىشىكىنىڭ ئەينىكىگە ئەتىركىنى تىقىپ قايرىغاندا ئەينەك چېقىلغان، جاۋاپكار xx ئەينەك چېقىلغان يەردىن قۇلىنى تىقىپ،پورتمالنى ئېلىپ ئىچىنى ئاختۇرغاندا پورتمالنىڭ ئىچىدىن 1700 يۈەن نەق پۇل چىققان،جاۋاپكار xx بۇ پۇللارنى ئېلىپ پورتمالنى شۇ جايىغا تاشلاپ قۇيۇپ،دەسلەپتە كىرگەن يۇلى بىلەن مېڭىپ ئەتلەس ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى. (يۇقارقى بەش نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەسلىگە كەلمىدى)

جاۋاپكار xx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋە 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىككى ئورۇندا جەمئى سەككىز دانە ماشىنىنىڭ سەككىز تال ئەينىكىنى چېقىپ،ماشىنىنىڭ ئىچىدىن 2330(ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز) يۈەن پۇلنى ئوغۇرلىغان.

x ناھىيىلىك باھا بىكىتىش ئىدارىسىنىڭ (2020)16-نۇمۇرلۇق باھا بىكىتىش باھالاشنامىسىدە xxنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە چىقىۋەتكەن سەككىز دانە ماشىنىنىڭ ئەينىگىنى 3360يۇەن دەپ باھالاپ بىكىتكەن.(زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن)

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

   1.يازما ئىسپات 2.زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچىنىڭ بايانى 3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4.باھالاشنامە، 5.ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

     يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار xxنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكار xx جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جاۋابكار xxغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش:ئەركىن ئېلى

              ئارزىگۈل مۇراۋدۇن

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى

قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە، جىنايىتى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى،ئۈچ توپلام  رازۋېتكا دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

   2.جاۋابكار ھازىرئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

   3.پىلاستىنكا 3 دانە

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top