欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌危险驾驶罪起诉书_阿瓦提县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

阿瓦提县人民检察院 

起 诉 书

阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕42号 

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم ج،ئە (2020) 42 –نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار xx،ئەر،ئۇيغۇر،xxxx-يىل xx-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى xxxxxx652928،يۇرتى xx ناھىيە، ئولتۇرغى :xx بازىرى xx يۇلى x- كۇچا x-نۇمۇر،ئاشپەز،تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان.xxxx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى x ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن.ھازىر ئائىلىدە.

x ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار xxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ xxx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، xxxx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

xxx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى سەھەر سائەتxxx ئەتىراپىدا، جاۋاپكار xx ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۆزىنىڭ新xxxنۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئۈزى يالغۇز ھەيدەپ xx بازىرى قۇرلۇش يۇلى جەنۇپتىن-شىمال يۈلۈنۈشتە ھەيدەپ مېڭىپ x-باشلانغۇچنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چارلاش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈپ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (xxx) xxxx-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە گۇماندار xxxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە xxxx مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار xxxxىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛ جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق، شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە x ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش : خانايىم يۈسەن

ئارزىگۈل مۇراۋدۇن

2020-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە , بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىلەن 2 دانە ئۈنسىن پىلاستىنكىسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ھازىر سىرتتا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top