欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌危险驾驶案起诉书_阿瓦提县人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

阿瓦提县人民检察院 

起 诉 书

阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕77号 

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم ج،ئە (2020) 77 –نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكارxx،ئەر،ئۇيغۇر،xxxx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:xxxx 652928 ،يۇرتى xx ناھىيە، ئولتۇرغى :xxx بازىرى غالبىيەت يۇلى x-نۇمۇر،قاساپ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان.xxx-يىل x-ئاينىڭ xx-كۈنى x ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن.ھازىر ئائىلىدە.

xxx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار xxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ xxxx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

xxx-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى سائەت xx ئەتراپىدا جاۋاپكار xxx پىراۋسىز ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئاچىسىxxxنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى مىنىپxx ناھىيە بازىر نۇرلۇق ئوتتۇرا يۇلىدىكى xxx تىز تاماقخانىسىدىن چىقىپ شەرىقتىن-غىرىپ يۈنىلىشىدە ھەيدەپxxx تۆت دوقمۇشىغا كەلگەندە ،يولدا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈپ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلىغان

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (xxxx) xxxx-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار xxxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە xxxx مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار xxx قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛ جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق، شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە x ئاي x كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش : خانايىم يۈسەن

ئارزىگۈل مۇراۋدۇن

2020-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە،1 پارچە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى، بىر توپلام ج خ ئىدارىسىنىڭ رازۋىتكا دېلوسى،2 دانە ئۈنسىن پىلاستىنكىسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ھازىر سىرتتا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top