شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020)161- نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئەxx،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى650103xxxxxxxx،ئالى تېخنىكۈم مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپىي:xx ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ كەسپىي شىتاتتىكى كادىرى،جوڭگو كومىنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋ ە ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭxx ناھىيە xx يولى xx كوچىسى xx-بىنا xx-ئىشىك xx-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،2020-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار ئەxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى 11– ئاينىڭ2- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار ئەxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
2020 -يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۇنى سائەت 02دىن 36 مىنۇت ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئەxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، 新xxxx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يولۇچىلا ئاپتۇموبىلىنى xx ناھىيە xx ئولتۇراق رايۇنىxx تەرەپ دەرۋازىسى ماشىنا توختىتىش مەيدانى ئىچىدە شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ ماشىنا توختىتىش مەيدانى چىقىش ئاغزى بولىگىگە كىلەي دىگەندە،xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى كۆنچى يولى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان خادىملار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]3904–نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار ئەxxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە208 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكار ئەxx يول قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار ئەxxنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تونۇش –تاپشۇرۇش پوزىتسىيەسى ياخشى،شۇڭا 3ئايدىن يۇقىرى4 ئايدىن توۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە 8000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەنۋەر ئابلەت
2020- يىلى 11 – ئاينىڭ24- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论