欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶罪起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

 xx ت ج 1- بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)  130-نومۇرلۇق 

جاۋاپكار ئە xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx 19–يىلى  xx–ئاينىڭ xx–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx xx xx 650102 ، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx شەرقى يولى xx ئولتۇراق رايونى xx -بىنا xx -ئىشىك xx -ئۆي، ئالى تىخنىكۇم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: xx ناھىيلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەسپى ئىشتاتلىق كادىرى، 2019–يىلى 6–ئاينىڭ 8–كۈنى خەتەرلىك يول يۈرۈش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .

xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئە xx نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار ئە xx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:

جاۋاپكار ئە xx 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 5 لەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新xx  نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، xx ناھىيە xx شەرقى يولى xx ئولتۇراق رايونى دەرۋاسنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلگەندە شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغاندىن كىيىن يەنە新xx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، xx ناھىيە 1-ماي ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ ئالدىدا كەلگەندە ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 3824–نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، ئە xx نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 265 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن. 

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار ئە xx قاتناش–تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15–ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار ئە xx غا 4 ئايدىن يوقىرى 5 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

     ھۆرمەت بىلەن: xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

                                           

     تەپتىش :  xx

                                                          xx

                                             2020-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئىزاھات : 

(1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.

(2)«جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .

(3) دەلىل–ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top