欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案_和某某人民检察院

2021-09-26 尘埃 评论0

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检一部刑诉〔2020〕377号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                           خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)  -نومۇرلۇق   

 جاۋابكار ئەXX،ئەر،ئۇيغۇر،1972-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: XXXXXXXXX6527221972،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:باقمىچى،بۇرۇن جازالانمىغان.نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ جىڭ ناھىيسى XX يېزىسى XX يولى XX-كوچا جەنۇبىي XX-كوچا XX-نومۇر،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 01-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ جىڭ ناھىيسى XX يېزىسى XX يولى XX-كوچا جەنۇبىي XX-كوچا XX-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ھازىر ئائىلىدە كىپىللىكتە.

جاۋابكار ئەXXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار ئەXX مەزكۇر دىلودا تېز كىسىم  تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، جاۋابكار ئەXX ئۆزى يالغۇز شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيىسى بايىنبۇلاق بازىرىغا كەپتەرلەرگە دان ئالغىلى بېرىپ، داننى ئېلىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ مېڭىشتا،شۇ داننى ئالغان جاينىڭ يېنىدىكى بىر دۇكاندىن ئېرگوتو ماركىلىق ئاق ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا ئىچكەن،ئاندىن جاۋابكار ئەXX ئۆيىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن مەست ھالەتتەMXXXX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ،مېيكۇاڭ ماگزىنى شمال تەرپىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە پىيادە يول يۈرگۈچى ماۋXX بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن،نەتىجىدە پىيادە يول يۈرگۈچى ماۋXX بىر ئادەم يارلىنىشتەك قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان.

   شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017)زەھەر باھالاش 7972-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ئەXXنىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 186 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن . 

   شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017) 4177-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسى باھالاشنامىسىدە MXXXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەندىكى پەيىتلىك تىزلىكى km/h 38 دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

     خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ (2017)274-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە ئالاقىدار ئەXX بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ،ئالاقىدار ماۋلىن دەۋران بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسى چىقارغان.

جاۋابكار ئەXX دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.   

يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات،نەق مەيدان تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش ماتىرىيالى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيەلىك تەكشۇرۇپ باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار ئەXX قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى پىراۋىسىز يولدا مەست ھالەتتە ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ئەXXنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئەXX جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.شۇڭا جاۋابكار ئەXXنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                                ھۆرمەت بىلەن:  

                             خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                  تەپتىش : ئەخمەتجان روزى 

                                2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top