欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                              ئا ش ت ج ئى 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 705 -نۇمۇرلۇق

     ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار ئەxx ، ئەر،ئۇيغۇر،28ياش ،كىملىك نومۇرى 6529011992xxxxxxxx : ، تۇرۇشلۇق ئادرېسى:شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx-كەنىتxx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر. مەدەنيەت سەۋىيىسى:تۇلۇقسىز ، كەسپى :دېھقان ،پارتىيە ئەزاسى ،توي قىلغان ، ئەقلىي-ھوشى جايىدا، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى04–ئاينىڭ 17-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىككە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

  جاۋاپكار  ئە2020-xx يىلى 04-ئاينىڭ 13-كۇنى سائەت24:00 لەردە  ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەر xxيېزاxx-كەنىتxx-گۇرۇپxx-نۇمۇر ئۆيىدە تەخىمىنەن  250گىرام ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان  新NCxxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەرxx بازار ئىچىدىكى يول ئايرىش رىشاتكىسىنى سۇقۇۋەتكەندىن كېيىن ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدەپ xx بازار xx-كەنىت يول ئېغىىزىغا كەلگەندە ماشىنىنى توختۇتۇپ ئۇخلاپ قالغان ،شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتىكى ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا  جاۋاپكار ئەxxنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغاندا،جاۋاپكار  ئەxxنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى233.75مىللىگىرام بۇلۇپ(  233.75mg/100ml) مەس ھالەتتە ماشىنا   ھەيدىگەن.

    يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئەxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.

جاۋابكار ئەxx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 3 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا،  176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                                تەپتىش:  ئالىمجان ئېزىز 

                                          تۇرسۇنئاي ئەخمەت

                       2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى: xxxxxxxx 137.

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە،بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top