欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)213-نومۇرلۇق

 توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئە ** ،ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0959********652123، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان،سىياسىي قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار ** كەنت *-گۇرۇپپا ***-نومۇر؛ بۇرۇن جازالانمىغان.

جاۋابكار ئە ** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020–يىلى 06-ئاينىڭ 30-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن. 

     توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئە **  نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 02-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .

مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە:

2020-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 03:40لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئە **  ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە**** 新KB نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ** ناھىيە ** بازار **-نۇمۇرلۇق خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار ئە **  دىن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 2956-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: ئە **  نىڭ ھەر ml 100 قېنىنىڭ تەركىبىدەmg  130 ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:

1.يازما ئىسپات؛ 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 3.باھالاش پىكىرنامىسى؛ 4.نەق مەيدان سۆرەتلىرى قاتارلىقلار .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئە **  نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئە ** نىڭ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133–ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىغا خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك.جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار ئە ** غا 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە 4000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176 -ماددىسى،214- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق .

     ھۆرمەت بىلەن: 

                         تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە:

1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە؛

2. دىلو توپلىمى 3 توپلام؛

3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top