شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019)101- نومۇرلۇق
جاۋاپكارئە**،ئەر،ئۇيغۇر،1972-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******6528231972،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي:شوپۇر ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيە ** بازىرى** يولى **-نومۇر ** –رايون **-بىنا **-ئىشىك ** -ئۆي،2019-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكارئە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى11 – ئاينىڭ19 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار ئە** دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى سەھەر سائەت 00:25 لەردە ، ھاراق ئىچىپ **M新 (ۋاقىتلىق تاختاي نومۇرى: **M新) نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ،لوپنۇر ناھىيە** يېزا** كەنتى يول بۆلىكىدە مېڭىپ،شۇ جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى ** يېزىلىق ساقچىخانا ** ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا كونتۇرۇل قىلىنىپ ،قانتاش ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ، شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددىىي ئىسپاتنى ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2018] 0116 – نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ئە**نىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە قان ئەۋرىشكىسىدىكى يۈز178.47 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكار ئە** قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .
مەزكۇر دېلۇنى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار ئە**قا 3 ئايدىن تۆۋەن 2 ئايدىن يۇقۇرى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان
2019- يىلى11- ئاينىڭ22- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论