欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案起诉书

2021-09-25 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت، 1-بۈلۈم ج،ئە (2020)221 –نۇمۇرلۇق

ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار ئە XX ، ئەر، ئۇيغۇر، XXXX-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXX 6529281978، نۇپۇستىكى ئادىرسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە XX بازىرى XX شەرقى يولى XX-كوچا 2-تار كوچا 11-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرغى XX بازىرى XXX ئولتۇراق رايۇنى 2-بىنا2-دوم 402-ئۆي، ئوقۇتقۇچى، ھازىر ئاۋات ناھىيلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ماسسا، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئە XXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى4-ئاينىڭ20-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. (دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكى 15كۈن ئۇزارتىلدى)

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:30 ئەتراپىدا، ئە XX ئىككى خەنزۇ خىزمەتدىشى بىلەن شاڭفۇ يۈدۇ ئولتۇراق رايۇنىنىڭ كەينىدىكى كەچلىك بازارغا بېرىپ تاماق يىگەچ ، 500 گىراملىق «ئىلى تېچۈ» ماركىلىق ئاق ھاراقتىن 6 پوتولكا ئىچكەن،جاۋاپكار ئە XX سورۇندىن تارقىغاندىن كىيىن خېشۈن ياجۈ ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئۈيىگە كىرىپ ئارام ئېلىپ ، ئەتىسى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 ئەتراپىدا XX ئولتۇراق رايۇن ئىچىگە توختۇتۇپ قويغان 新NT71XX –نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ئاۋات ناھىيە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش يولىدا غەرپتىن –شەرىق يۆنىلىشتە ھەيدەپ مېڭىپ ئاۋات ناھىيلىك پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، يولدا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈپ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ [2019] 3350-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا،جاۋاپكار ئە XXنىڭ ھەر 100مىللىمىتىر قان پىلازمىسى تەركىبىدە 252.15 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىغى باھالاپ بېكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3، باھالاش پىكرى 4، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار ئە XXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ، جىنايتىىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،ئاددى تەرتىپى قوللىنىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايىى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 67-ماددا 3-تارماقنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى

قۇشۇمچە: 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى ئىككى تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top