欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案不起诉决定书(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 38–نۇمۇرلۇق

      

ئەيىبلەنمىگۈچىئا، XXئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0019******652924، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،شايار ناھىيەلىكXXئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك خىزمەتچىسى، شايار ناھىيە بازىرى ** يۇلى **-كوچا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلىپ، 2020-يىلى **-ئاينىڭ **- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 7-كۈنى ش ج خ چىقىش  (2019) 83-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX2019-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەر سائەت 01:00 لار ئەتىراپىدا، ئۆزى يالغۇز شايار ناھىيە بازىرى ئالتۇنقۇم خەلقئارا شەھەرچىسى 1-ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يان تەرىپىدىكى دۇكاندا پىۋا ئىچكەندىن كىيىن، دۇكاندىن چىقىپ شايار ناھىيە بازىرى تارىم سودا شەھەرچىسى يېنىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىلىپ، شۇ جايغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ ****新NA نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، شايار ناھىيە بازىرى ئالتۇن كۆۋرۈك ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئاستىدىكى بودەك ئانا تاماقخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن، ماشىنىغا دوستى ئا، رەXXنىڭ، سXXنىڭ قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، ماشىنىنى ئەيىبلەنمىگۈچىئاXX ئۆزى داۋاملىق ھەيدەپ، سوغۇق ئىچىملىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شايار ناھىيە بازىرى خەلقئارا مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يۇلىغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 87 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئابلىكىم ھىمىتنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top