ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ب ت -1 بۈلۈم ج ئەيىبلەش (2020 ) 37 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئەX ،ئەر،ئۇيغۇر،1973–يىلىX-ئاينىڭX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528291973، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىسىگە ئىگە، دېھقان، ھازىرقى ئادرېسى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى باغراش ناھىيسى X يېزىسى X كەنتىXگۇرۇپپاX-نۇمۇر. جاۋاپكار ئەX 2019-يىلى-4ئاينىڭ-24كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن باغراش ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە قۇشۇمچە 4000يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىلگەن.
2020 -يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى جاۋاپكار ئەX خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش جىنايىتىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ، باغراش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلنغىچە كېپىلىگە بىرىلگەن. 2020 -يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىركېپىلدە.
باغراش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئەXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى10- ئاينىڭ7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى10-ئاينىڭ 9-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەڭچىلىك ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزدى ۋە جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە :جاۋاپكار ئەX 2020-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت16لەرئەتىراپىدا باغراش ناھىيە X بازىرى Xيۇلى Xباغچىسى ئۇدۇلىدىكى دۇكاندا ئۆزى يالغۇز 250گىرام ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 2020-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت20دىن40مېنۇت ئۆتكەندە پىراۋۇسىزنۇمۇر تاختىسى يوق مەس ھالەتتە” شاڭ خاۋ ”ماركلىق ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ باغراش ناھىيە بومبۇت بازىرى لوشخونۇر كەنىت 4-گۇرۇپپايول بۈلۈكىگەكەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن، 2020-يىلى 09-ئاينىڭ18-كۈنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ(2020)4646نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا جاۋاپكار ئەXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدە ھەر100مىللىلتىرقان تەركىۋىدە ئىسپىرىت مىقدارى321مىللىگىرام ئىگەللىگەن دەپ باھالاپ چىققان.
يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار ئەX ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئەX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسى 1- بۆلكىنىڭ 1-تارماق 2-تارماقچىسىدىكى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. جاۋاپكار ئەX ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش : غۇپۇرجان ھېكىم
گۈلزىرە ئىمام
2020-يىلى10- ئاينىڭ26- كۇنى
قوشۇمچە :
1. جاۋاپكار ئەX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ ھازىر ئائىلىسىدە.
2. ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى1 جىلىد بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论