شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 851- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئە**، ئەر ،ئۇيغۇر،**19 – يىلى ** – ئاينىڭ ** – كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك گۇۋانامە **********65292319. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى دېھقان ،كۇچا ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى تۇرالغۇسى : شىنجاڭ كۇچا شەھەر** يېزا ** كەنت 3-گورۇپ **-نۇمۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان.شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق.
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى6–ئاينىڭ 27-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، 2020-يىلى07-ئاينىڭ02-كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى 〔2020〕353 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار ئە**نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش دېلوسىنى 2020-يىلى 9- ئاينىڭ 21-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ئە** 2020-يىلى06-ئاينىڭ26-كۈنى سائەت23:00لەر ئەتراپىدا كۇچا شەھەر ** يېزىسىدىكى ئىش ئورنىدىن ئىشتىن چۈشۈپ ، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ كۇچا شەھەر ** يېزا بازار ئىچىدىكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزى يالغۇز 35 گىرادۇسلۇق قىزىل ھاراقتىن ئۈچ بوتۇلكا ئىچكەن ،ئەتىسى 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت01:00لەردە ھاراقنى ئىچىپ بۇلۇپ ،قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ، ئۆزى ئىش ئورنىدىن ھەيدەپ كىلىپ ، ** يېزا بازار ئىچىدىكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز مىنىپ ئىككى كىلومىتىر ماڭغاندىن كىيىن ** يېزا **نىڭ ئالدىغا كەلگەندە موتوسىكىلىتىنى كونتىرول قىلالماي يولنىڭ قىرىدىكى چىراق سىتولبىسىغا ئۈسىۋېلىپ شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپدىن بايقالغان
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا، ئە**نىڭ ۋېنا تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100ml 140 دەپ باھالانغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ–تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار ئەمەر ئابلانىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئە**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسىنىڭ ، 67- ماددا3- تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى
2020- يىلى 09- ئاينىڭ 23- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كىسىم قىلىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىق ئېتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论