شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1 - بۈلۈم چىقىش 〔2020〕712- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ھ**، ئەر ، ئويغۇر ، **19- يىلى02- ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نۇمۇرى:********65292319، تۇلۇقسىسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:دېھقان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنىت 1-گوروپپا 063 -نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان،
2019-يىلى11-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر ئادەم ئۆلۈش،بىر ئادەم 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلىنىش يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ 2020- يىلى01- ئاينىڭ 01- كۈنى قاتناش ھادىسىسىى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جاۋاپكار ھ**نى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە،
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕125- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار ھ**نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى06- ئاينىڭ 05-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دىلو بېجىرىش سۈرۈك ۋاختىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق :
2019-يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت00:15 ئۆتكەندە،جاۋاپكار ھ**鲁D618BS نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىنى كۇچا ناھىيە ** يېزا يۇلىدا شىمالدىن-جەنۇپقا ھەيدەپ قاراپ ھەيدەپ كىتىۋېتىپ ئىگىلىك پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ پىيادە خ** د**نى يىتىلەپ يولدىن كىسىپ ئۆتىۋاتقاندا سۇقىۋەتكەن،نەتجىدە د**نىڭ يارلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىشى ،خ**نىڭ 1-دەىجىلىك يىنىك زەخمىلىنىشى،بىر قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك يول قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققان .
كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى (2019) 209 – نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش پىكرىدە : د**غايەت زور سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن باش قىسمى يېپىق خارەكتىرلىك زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان .
كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى (2019) 22 – نۇمۇرلۇق ماددى بۇيۇملارنى باھالاشنامىسىدە : خ**نىڭ زەخمىسى 1 – دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دەپ يەكۈن چىقارغان .
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى 2019-يىلى 11- ئاينىڭ25-كۈنى چىقارغان ش ق ئە ئو (2019)ماددى باھالاش NKJ-0833 نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيىلىك باھالاش پىكرى بار بولۇپ، ھ**نىڭ ۋېنا قان تومۇرىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىتىردا 0مىللىگىرام ، ق**نىڭ ۋېنا قان تومۇرىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىتىردا 2مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان .
كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ 〔2019〕xxxx-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا: ھ** يۇقارقى ھادىسىدىكى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، خ** بىلەن د** يۇقارقى ھادىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ، دەپ بېكىتكەن.
دىمەك، جاۋابكار ھ**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار ھ**نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ـ ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز يول – قاتناش تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە جامائەت بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ھ**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا1-تارماق ۋە 67-ماددا 3 - تارماقنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ھۆرىيەت تۇردى
2020-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار بىر تەرەپ قىلنغۇچە كاپالەتىچگە بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر ئائىلىسدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، 11 نۇسخا ئەيىبلەشنامە ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
3) قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ 3 نۇسخا ھەق-تەلەپ ئەرزى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论