欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾孜提某某非法经营案

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت ج ئە چىقىش (2019) 302–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ھەزىر**، ئەر، ئۇيغۇر،**19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******653121198901، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، يەككە تىجارەتچى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شىنجاڭ **شەھەر ** يىزا ** كەنىت 3-گۇرۇپ 49-نومۇرلۇق ئۆي، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** يولى 1372-نۇمۇر ** 2-بىنا 9-ئىشىك 402-نومۇرلۇق ئۆي. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇلاقتاغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىلغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇلاقتاغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ھەزىر**نىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 6–ئاينىڭ 24-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ھەزىر** 2015-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 10-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى **ئەتراپىدا تاشقى پېرىۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا دوللار ساتقان ياكى سېتىۋالغان خەلىق پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن بانكا كارتىللىرى ئارقىلىق ھىسابات قىلغان. جاۋابكارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ، جاۋابكار ھەزىر** تاش ** (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)، ئەمەت** (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)لاردىن ھەسەن**ئارقىلىق 4 قېتىمدا 441270 ( 441 مىڭ 270 ) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 2881500 ( 2 مىليۇن 811 مىڭ 500 ) يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋىلىپ، ھايىنىغا ساتقان.

2. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىر** باشقىلاردىن سېتىۋالغان 109292 (109 مىڭ 292 ) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى، 8 قېتىمدا ھەسەن** ئارقىلىق تاش ھاجى (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)، ئەمەت ** (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)لارغا 712060 (712 مىڭ 60) يۈەن خەلق پۇلىغا ھايىنىغا ساتقان.

3. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىر** ئوبۇلق**دىن 3 قېتىمدا 67572 (67 مىڭ 575) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 448613 (448 مىڭ 613) يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋىلىپ، ھايىنىغا ساتقان.

4. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ، جاۋابكار ھەزىر** دىل**دىن2 قېتىمدا 131970 (131 مىڭ 970) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 861415 (861 مىڭ 415) يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋىلىپ، ھايىنىغا ساتقان.

5. 2016- يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاۋابكار ھەزىر** ئىزىز **دىن 2 قېتىمدا 59610 (59 مىڭ 610) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 390000 (390 مىڭ) يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋىلىپ، ھايىنىغا ساتقان.

6. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىر** باشقىلاردىن سېتىۋالغان 76544 (76 مىڭ 544) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى، 4 قېتىمدا ئىزىز قارىغا 401870 (401 مىڭ 870) يۈەن خەلق پۇلىغا ھايىنىغا ساتقان.

7. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2016- يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغا ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىرت** ئابلىخەت **دىن 10 قېتىمدا 472206 (472 مىڭ 206) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 3204081 (3 مىليۇن 204 مىڭ 81 ) يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋىلىپ، ھايىنىغا ساتقان.

8. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىر** باشقىلاردىن سېتىۋالغان 702945 (702 مىڭ 945) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى، 13 قېتىمدا ئابلىخەت**كە 4408885 (4 مىليۇن 408 مىڭ 885) يۈەن خەلق پۇلىغا ھايىنىغا ساتقان.

9. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىر** چىن جىياب**دىن 30 قېتىمدا 2771651 (2 مىليۇن 771 مىڭ 651) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 17738567 (17 مىليۇن 738 مىڭ 567) يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋىلىپ، ھايىنىغا ساتقان.

10. 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ھەزىر**باشقىلاردىن سېتىۋالغان 288583 (288 مىڭ 583) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى، 6 قېتىمدا چىن **) غا 1860600 (1 مىليۇن 860 مىڭ 600) يۈەن خەلق پۇلىغا ھايىنىغا ساتقان.

دىمەك جاۋابكار ھەزىر** كۆپ قېتىمدا 5121643 (5 مىليۇن 121 مىڭ 643 ) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى 32837591 (32 مىليۇن 837 مىڭ 591) يۈەن ئەتىراپىدىكى خەلق پۇلىغا ھايىنىغا سېتىپ، قانۇنسىز پايدا ئالغان.

جاۋابكار ھەزىر** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تىلفۇندا ئىغىزاكى چاقىرتىشى ئارقىلىق تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ھەزىر**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا ئىشلەتكەن بانكا ھېساباتىنىڭ تەپسىلى كىرىم چىقىم خاتىرىسى، ھىسابات خاتىرسىنى تونۇتۇش ئىسپاتى قاتارلىقلار؛

2. گۇۋاھچى ھەسەن**، ئوبۇل**، دىل**، ئىزىز **، ئابلىخەت **، چىن ** قاتارلىقلاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ھەزىر**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار ؛

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكارھەزىر**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت بىكىتكەن تاشقى پىرىۋوت ئالماشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكا ۋە جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزى ياكى ئۇنىڭ تارماق مەركىزى قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلاردا ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازار تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: قۇدۇس قاسىم

تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى

2019–يىلى 8–ئاينىڭ 7–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ھەزىر** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​ جازا ئۆلچەش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top