كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)32 -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار س**، ئەر، ئويغۇر، 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****65292919670620 ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت -** مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار س**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار س** 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 14 لەر ئەتراپىدا ئە**، ئەخ**لار بىلەن بىرگە ** يېزا بازىرىدا ئۈچ قۇتا <نىيۇلەنشەن> ماركىلىق (500 گىراملىق ) ئاق ھاراقنى ئىچكەن، شۇ كۈنى سائەت 19 لەر ئەتراپىدا سورۇندىن تارقاپ، ئۆزىنىڭ 新ND3F** نۇمۇرلۇق داجوڭ سانتانا تىپلىق قىزىل رەڭلىك كىچىك تىپلىق ئاپتۇمۇبىلىنى ھەيدەپ، ** ناھىيە ** يېزىسى چوڭ يولنى بويلاپ شىمالدىن- جەنۇپقا قاراپ يول يۇرۇپ، ** يېزىسى ** كەتنى 1- گورۇپ ئى** ئائىلىسى ئالدىدىكى يول بولىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە شىمالدىن- جەنۇپقا قاراپ يول يۇرىۋاتقان زىىيانلانغۇچى ئا** ھەيدىگەن نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقلىق يېشىل رەڭلىك توكسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ، ئا** بىلەن توكسىكىلىتقا ئولتۇرۇپ ماڭغان م**نىڭ يارلىنىشى، ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدەك يول قاتناش ھادىسىسىنى سادىر قىلغان، جاۋاپكار س** قانۇن تەرتىپ بويىنچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ،قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 285.5 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2. زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى 4. باھالاشنامە 5. جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار س** ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار س**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتومبىل ھەيدىگەن قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 4 ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 9 مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى
1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى.
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论