欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

肉某某起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

xx ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020)177- نومۇرلۇق 

جاۋاپكار رو xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xx 652823، تۇلۇق ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپىي: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx يولى xx -ئۆي، 2019-يىلى7-ئاينىڭ 24-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار رو xx نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى11- ئاينىڭ 26- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. رو xx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە ئېنىقلىشىچە:

2019-يىلى6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 15دىن 30لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار رو xx xx ناھىيە xx يېزا xx كەنتى رو xx منىڭ ئارامگاھىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، جاۋاپكار رو xx   新M xx نومۇرلۇق  كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، xx ناھىيە 2018دۆلەت تاش يول بۆلىكدە جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ماڭغان ، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش چوڭ ساقچى  ئەتىرىتى يېزا ئوتتۇرا ئەتىرەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۇرۈلۈپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك ماددى بويۇملارنى لابراتويىيەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش پىكرىدە، جاۋاپكار رو xx نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە208.96مىللىگىرام ئىسپىرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار رو xx نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار رو xx كە 3 ئايدىن يۇقىرى 4ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە8000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : xx

2020- يىلى 12- ئاينىڭ  1- كۈنى

ئىزاھات :

(1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.

(2) « جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .

尉犁县人民检察院

起 诉 书

尉检一部刑诉〔2020〕177号

被告人肉孜·买买提,男性,1985年5月22日出生,居民身份证号码652823198505221210,维吾尔族,高中,户籍所在地新疆维吾尔自治区巴音郭楞蒙古自治州尉犁县,因涉嫌犯有危险驾驶罪,经尉犁县公安局批准/决定,于2019年7月24日取保候审。

本案由尉犁县公安局调查/侦查终结,以被告人肉孜·买买提涉嫌危险驾驶罪,于2020年11月26日向本院移送起诉。本院受理后,于2020年11月30日已告知被告人有权委托辩护人,已告知被害人及其法定代理人(近亲属)、附带民事诉讼的当事人及其法定代理人有权委托诉讼代理人,依法讯问了被告人,听取了辩护人、被害人及其诉讼代理人的意见,审查了全部案件材料 补充侦查完毕移送起诉   

经依法审查查明:

2019年6月23日15时30分许,被告人肉孜·买买提在尉犁县塔里木乡拜海提村的肉孜·阿不都热衣木的风情园跟朋友饮酒,被告人肉孜·买买提驾驶新M51B23号小型轿车,行驶至尉犁县2018国道由南向北行使,6月23日20时55分因酒后驾驶机动车被尉犁县公安局交通大队事故中队农村中队民警人员当场查获。经鉴定:肉孜·买买提血液中检出乙醇含量为208.96 mg/100mL。经案发后能如实供述。

认定上述事实的证据如下:

1.书证; 2.证人证言; 3.被告人供述和辩解; 4.鉴定意见; 5.勘验、检查、辨认、侦查实验等笔录。

本院认为,被告人肉孜·买买提醉酒后在道路上驾驶机动车,危及公共安全,其行为已触犯《中华人民共和国刑法》第一百三十三条之一的规定,犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以危险驾驶罪追究其刑事责任。被告人肉孜·买买提具有坦白情节,根据《中华人民共和国刑法》第六十七条第三款的规定,可以从轻处罚。被告人肉孜·买买提自愿认罪认罚,根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第十五条的规定,可以依法从宽处理。故建议判处拘役三个月以上四个月以下,并处罚金8000元,适用速裁程序。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条的规定,提起公诉,请依法判处。

此致

尉犁县人民法院

检察官:艾来提买买提

2020年121

                                      (院印)

附件:

1.案卷材料和证据1册

2.本案《认罪认罚具结书》副本一份

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top