شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بولۇم(2020)29–نومۇرلۇق
جاۋاپكار رxx، ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 652823xxxx0815،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى:دىھقان،ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭxx ناھىيە xx يىزا xx كەنىتxx-نۇمۇر شىمالىي يولى xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.2012-يىلى 12-ئايدا ئوغۇرلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلگەن،2014-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان،2015-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ19-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىنغان،ئىلگىرى سوتلۇق بولغان.ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار رxxنىڭ ئوغۇرلۇق دېلۇسىنى 2020-يىلى3-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ،ھەم دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئىلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
2019-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى كېچە سائەت 1يېرىم ئەتراپىدا ، جاۋاپكار رxx ئوغۇرلۇق قىلىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق توك سېكىلتىنى ھەيدەپ xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنتى xx-گۇرۇپپىدىكى ئۆxxنىڭ ئۆيىگە كىلىپ،ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆينىڭ ئارقا تېمىدىن ئارتىلىپ كىرىپ،ئۆي ھويلىسى ئىچىدىكى كەپتەر كاتىكىدىن بىر كېچىدە ئالدى-كىيىن بولۇپ 2 قىتىمدا جەمىئىي 40دانە كەپتەرنى ئوغۇرلىغان،ئوغۇرلاپ چىققان كەپتەرلەرنى ئۆزىنىڭ xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنتى xx-شىمالىي يولى xx-نومۇرلۇق ئۆيىگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويغان،بۇجەرياندا 17دانە كەپتەر ئورىيە خالتىسى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان ھەم باشقا كەپتەرلەرنى سىتىۋەتكەن.xx ناھىيلىك مال باھا باھالاش مەركىزى جاۋاپكار ئوغۇرلىغان 40دانە كەپتەرنى 4270يۇەن باھالاپ بىكىتكەن.
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :
جاۋاپكار رxxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقدارىدىكى 4270يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، ئۆغۇرلۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ،جاۋاپكار رxxغا لوپنۇر ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1يىل 3ئايىلق جازاسىغا ھۆكۈم قلىنىپ، 2017-يىلى5-ئاينىڭ29-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن بولۇپ«جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65–ماددىسىكى بەلگۇلىمىسگە ئاساسەن تەكرار جىنايەتچى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ، شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت
2020- يىلى 4- ئاينىڭ29-كۈنى .
ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论