شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش 2-بۈلۈم چىقىش (2020)2 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار رxx، ئەر، ئۇيغۇر، -19xxيىلى-xxئاينىڭ-xxكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652923xxxxxxxx3332، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، كۇچا ناھىيىسىدىن، نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ۋە توختۇتۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: كۇچا ناھىيەxxبازىرى xx كەنت -xxگۇرۇپپا -xxنۇمۇر، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن،-2017 يىلى–11 ئاينىڭ 5-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ 2000يۇەن جەرىمانە ھۆكۈم قىلىنغان. قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش) جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، -2019يىلى-01ئاينىڭ-10كۈنى كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. -2019يىلى1- ئاينىڭ 24- كۈنى كۇچا ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ھازىر كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقىلىق.
كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى [2019] 133-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق ئەيىبلىگەن جاۋابكار رxxنىڭ جىنايەت دىلوسىنى كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، بارلىق دىلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ، جاۋابكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى يەتكۈزۈلدى. ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۈۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
2019-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 06:30 لاردا، جاۋابكار رxx كۇچا ناھىيە xx بازارxx كەنت -xx گوروپپىدىكى xx دىگەن يەردىكى ئۈيىدە روxx ( ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالى ) ، زىيانلانغۇچى نxx قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئچىكەن. جاۋابكار رxx زىيانلانغۇچى نxxنىڭ ئۇيىگە مەس كەلگەنلىكىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ تېخىمۇ بەك مەست بۇلۇپ كەتمەسلىگى ئۇچۇن ھاراقنى ئۆزى جىقراق ئىچىپ، نxx، روxxلارغا ئازراق قۇيغان . شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى نxx نارازى بولۇپ رxx بىلەن جىددەللىشىپ قالغان. بۇ جەرياندا نxx گۇماندار xxنىڭ ئوڭ قول بىلەك، سول قول بېغىشىنى چىشلۋالغان. شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار رxx مەشنىڭ يىنىدىكى ياغاچ دەستىلىك پالتىنى ئېلىپ زىيانلانغۇچىنىڭ باش چوققا قىسمى، سول قول ئالقىنى، گەجگە قىسىمى قاتارلىق ئۇرۇنلارغا چېپىپ زىيانلانغۇچى نxxنى ئۆلتۈرۋەتكەن. دېلو سادىر بولغاندىن كېيىن رxx كۇچا ناھىيەxx بازار xx كەنت كومۇتىتىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان .
كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2019) 009-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلىمى بويىچە جەسسەت تەكشۈرۈش باھالاش يەكۈنىدە « ئۆلگۈچى نxx ئۇلۇشتىن بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن بىسلىق ئەسۋاپ بىلەن چېپىلىپ، گەجگە قىسمى زەخمىلىنىپ كىچىك مېڭە سۈرۈلۈپ يېرىلىشنى ھەم قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭە غۇلى زەخمىلىنىپ ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان » دەپ يەكۈن چىقارغان .
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، بېكىتىشكە بۇلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رxxنىڭ زىيانلانغۇچى بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالغاندىن كىيىن، ياغاچ دەستىلىك پالتىنى ئېلىپ زىيانلانغۇچىنىڭ باش چوققا قىسمى، سول قول ئالقىنى، گەجگە قىسىمى قاتارلىق ئۇرۇنلارغا چېپىپ زىيانلانغۇچى نىxxنىڭ مېڭە غۇلى زەخمىلىنىپ ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلىشىگە سەۋەبچى بۇلۇش) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار رxxكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى،57- ،67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. پۇخرالارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكى ھەمدە ئاممىۋى تەرتىپىنىڭ بېخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئارزىگۈل تەلەي
تەپتىش: ئوغۇلخان ياسىن
2020 -يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
ئىزاھات:
<1> 8پارچە ئەيىبنامە، 1 نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، 4توپلام ج خ دىلو ئارخىۋى، 4دانە ئوپتىك دېسكا بىرگە يوللاندى.
<2> جاۋابكار كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
<3> دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپاتلاردىن چاپان، ئىشتان، پوسما، ئاياغ، پالتا، تېلفون قاتارلىق بۇيۇملار دېلو بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
<4> زىيانلانغۇچى ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ھەق تەلەپ ئەرزى بار.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论