كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)19-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ****،ئەر،ئۇيغۇر،1973-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919731213،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە كەلپىن بازىرى دىمۇكىراتىيە يۇلى**** ئولتۇراق رايۇنى 2-نۇمۇرلۇق بىنا 1-كورپۇس 203-نۇمۇرلۇق ئۆي،كەلپىن ناھىيىلىك **** ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.2019-يىلى 6-ئاينىڭ3-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2019-يىلى6-ئاينىڭ 11-كۈنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020 -يىلى 4-ئاينىڭ14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا؛زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار **** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۈنى سائەت 22:00دىن 11-چىسلا سەھەر سائەت 5:00 كىچە دوستلىرى ****ئىبرايىم،**** يۇسۇپ،**** ئابدىرىشىت قاتارلىقلار بىلەن بىرگە،****نىڭ ئۈيىدە ئاق ھاراق ئىچىپ،سائەت 10:00 دە ****ئىدارىسىگە ئىشقا كىلىپ،دۈجۈرنىلىك قىلىۋاتقاندا،ئىدارە باشلىقى ****(زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچى،يىنىك زەخمىلەنگەن) يېزىغا خىزمەتكە بارىدىغانلىقىنى دىگەن،**** دۇجۈرنىلىكنى باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرۇپ،كەلپىن ناھىيىلىك دۆلەت مۇلكىنى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدىكى新N9****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتۇمبىلغا ئىدارە باشلىقى**** ۋە خىزمەتچى ****نى ئېلىپ،ئاپتۇمبىلنى ھەيدەپ،ئاچال بازىرىغا قاراپ مېڭىپ،تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن،سۇرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، ئۆلكە يۇلى 308-لىنيە 12كىلومىتىر +34مىتىرلىق بۆلەككە كەلگەندە،ئالدى تەرەپتە ئۈزى بىلەن ئوخشاش يۇلىنىشتە يۇرىۋاتقان،شوپۇر ****ھەيدىگەن新NH****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق يۇك ئاپتۇمبىلىنى يانداپ ئۆتمەكچى بولۇپ،قارشى تەرەپ يۇلىغا چىقىپ يۇرۇپ،ئاپتۇمبىلىغا يېقىنلاشقاندا،新NH****نۇمۇرلۇق يۇك ئاپتۇموبىلى سولغا بۇرۇلغان،**** ئاپتۇمبىلنى جىددى تۇرمۇز قىلغان بولسىمۇ،سۇرئەت تىز،ئارلىق يېقىن بولغانلىقتىن،新NH****نۇمۇرلۇق يۇك ئاپتۇموبىلىنىڭ يان تەرەپىگە سۇقۇلۇپ،****نىڭ يىنىك زەخمىلىنىشى،新N9****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتۇمبىلنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلىشىدەك ھادىسە سادىر قىلغان.قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ،****نىڭ ھاراق ئىچكىنىنى بايقاپ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ،قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ،باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 124.26مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات2.زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچىنىڭ بايانى،3.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،4.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 5.باھالاشنامە 6.نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ****نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋابكار ****نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتۇمبىل ھەيدەپ،ھادىسە سادىر قىلغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ133 -ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان.جاۋابكارغا 3ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش،قۇشۇمچە 6مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
باش تەپتىش:ئابلىكىم ئايۇپ
2020-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى 2.جاۋابكار ھازىر ئىش ئورنىدا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论