欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

罗某危险驾驶一案起诉书(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش (2020)564-نومۇرلۇق

جاۋابكار لxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى-x ئاينىڭ-xx كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛ 65292419xxxxxxxxxx،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەك مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت x-گوروپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان.

 خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ26-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار لxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 525-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار لxx  2019 -يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت18:00لەر ئەتىراپىدا، تxx،سxx ،يxx قاتارلىقلار بىلەن بىللە، شايار ناھىيە xx بازىرى-x مەيدان تەۋەسىدىكى بىر ھاراق دۇكىندا ھاراق ئىچىپ، شۇ كۇنى 20:35لەر ئەتىراپىدا، ئۆيىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ، لxx ئۆزىنىڭ 新Nxxxxxنۇمۇرلۇق يالغان تاختاي ئېسىلغان، ئىككى چاقلىق، ئەرەنچە موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋسىز ھەيدەپ ماڭغان، سxx ئۆزىنىڭ 新Nxxxxxنۇمۇرلۇق يالغان تاختاي ئېسىلغان، ئىككى چاقلىق، ئەرەنچە موتسىكىلىتىنىڭ كەينىگە يxxنى مىندۈرۈپ، موتسىكىلىتنى سxx ئۆزى پىراۋىسىز ھەيدەپ ماڭغان، تxx ئۆزىنىڭ 新Nxxxxxنۇمۇرلۇق يالغان تاختاي ئېسىلغان، ئىككى چاقلىق، جىگەر رەڭلىك، ئايالچە موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ xx بازىرى-x مەيدان-x گۇرۇپ تەۋەسىگە كەلگەندە، شۇ يولدا چارلاش ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار لxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 243.12مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار لxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددا -1مەزمۇن -1تارمىقىنىڭ -(2)تارماقچىسى، -67ماددا -3تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ -15، -176، -222ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار لxxنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار لxxغا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەxx 

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ28-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (95بەت) بىرگە يوللاندى.

2)جاۋابكار كېىپىلدە، 

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top