欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

祖某某诈骗案

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش(2019)  278- نومۇرلۇق

 جاۋاپكار زxxx، ،ئايال،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:652823xxxxxx،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپىي:دىھقان،ئەسلىي يۇرتى:xx شەھرىي،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ؛ xxx ناھىيە xxx يىزا xxx كەنت xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق، ھازىرقىي ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx-ئولتۇراق رايۇنىxx-بىناxx-كورپۇسxx-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،2019-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى ئالدامچىلىق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن،2019-ىيىلى 8-ئاينىڭ21-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە .

لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار زxxxنىڭ ئالدامچىلىق دېلۇسىنى 2019-يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى،جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :  

1. 2018-يىلى12-ئايلار ئەتىراپىدا،جاۋاپكار زxxx باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە،ئۆزىنىڭ نامىدا بىجىرگەن sadir520zulpi نومۇردىكى ئۈندىدارى ئارقىلىق ئۈندىدار توپىغا،ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز بىجىرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ،تېلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرغان،شۇنىڭ بىلەنxxx ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مەxxx باشقىلاردىن جاۋاپكار زxxxنىڭ تور ۋاستىسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز بىجىرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،جاۋاپكار زxxxغا تېلفۇن قىلپ xxx ناھىيە xxx سودا-سارىيىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشكەن،جاۋاپكار زxxx رەسمىيەت ھەققىنى باھانە قىلىپ مەxxxنىڭ 1500 يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.(زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).                                                  

2.  2019-يىلى1-ئايلار ئەتىراپىدا، جاۋاپكار زxxx باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە،ئۆزىنىڭ نامىدا بىجىرگەن sadir520zulpi نومۇردىكى ئۈندىدارى ئارقىلىق مەلۇم ئۈندىدار توپىغا،ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز بىجىرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ،تېلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرغان،xxx ناھىيە xxxيېزىسى xxx كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاxxx يولدىشىدىن جاۋاپكار زxxxنىڭ تور ۋاستىسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز بىجىرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،جاۋاپكار زxxxغا تېلفۇن قىلپ،xxx ناھىيە xx-ئولتۇراق رايۇنىنىڭ شىمالى ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشكەن،جاۋاپكار زxxx رەسمىيەت ھەققىنى باھانە قىلىپ ئاxxxنىڭ 800 يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.(زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).                                               

3.  2019-يىلى1-ئايلار ئەتىراپىدا،جاۋاپكار زxxx باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە،ئۆزىنىڭ نامىدا بىجىرگەن sadir520zulpi نومۇردىكى ئۈندىدارى ئارقىلىق مەلۇم ئۈندىدار توپىغا،ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئامانلىق قوغداش سالاھىيەت كېنىشكىسىنى بىجىرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ،تېلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرغان،شۇنىڭ بىلەن 2019-يىلى1-ئايدىن2-ئاخىرغىچە بولغان ئارلىقتا مەxxx، ئاxxx،ھاۋاگۈل ئەxxx x،ئاxxx قاتارلىق 5 ئادەم ئالدى-كەينى بولۇپ ئامانلىق قوغداش كىنىشكىسى بىجىرىش ئۇچۇن جاۋاپكار زxxx بىلەن ئالاقىلاشقان،جاۋاپكار زxxx ئامانلىق قوغداش سالاھىيەت كېنىشكىسى بىجىرىش ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققى كېتىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ يۇقارقى 5 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ جەممى 5400يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.(زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى)   

يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى  قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ . 

     مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : 

جاۋاپكار زxxx پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پۇقرالارنىڭ مىقدارى كوپرەك بولغان 7700يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ،شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

              لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە . 

تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت

2019- يىلى  9- ئاينىڭ10- كۈنى .

ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top