欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某涉嫌诈骗案起诉书

2021-09-21 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020)398–نۇمۇرلۇق 

   جاۋاپكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx-نۇمۇر xx-شەرقى رايۇنى x-بىنا x-ئىشىك xx-نۇمۇر، xxمەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،xx ، xx،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2020-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۇنى مەھكىممىز تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان، گۇماندار  ھازىر xx ناھىيلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.

   xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار xxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

 قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    2015-يىلى5-ئاينىڭ 2-كۇنى xx زىيانلانغۇچى xxكە تىلفۇن قىلىپ ‏ئاۋاتتىكى ئويگە كىلىشىنى دىگەن ، زىيانلانغۇچى xxئايالى ‏xxنى ئېلىپ xxنىڭ xxئولتۇراق رايۇندىكى ئۆيگە كىلىپ xx ۋە جاۋاپكار xx بىلەن كۈرۈشكەن.جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچىxxكە ئوغلى xxنى قاماقخانىدا كۆرگەنلىكىنى xxنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى بۇلىشى،‏دىلوسىنى يەڭگىللىتىپ قىلمىشىنى ئازلىتىپ بىرىدىغانلىقىنى، ئاقلىنىپ چىقىدىقانلىقىنى شۇڭا باشلىقلارنى مېھمان قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى دەپ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۇنىگىچە ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ 8 قېتىمدا 58300 يۇەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلۋېلىپ بۇپۇلدىن زىيانلانغۇچى xxكە 5000 يۇەن پۇلىسىنى قايتۇرۇپ قالغان 53300 يۇەن پۇلغا قەرز ھوججىتى يېزىپ بىرىپ پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن. 

   2020-يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى جاۋاپكار xxزىيانلانغۇچى xx تىلفۇن قىلىپ، xxقا يولدىشىxxنىڭ كىملىك ۋە نۇپۇسنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ xx ناھىيە ئىچىگە كىلىپ ئۈزىنى ئىزدىشىنى ئېيتقان،xx ماقۇل بۇلۇپ يولدىشىنىڭ كىملىك ۋە نۇپۇسنى ئېلىپ xx ناھىيە ئىچىگە كىرىپ جاۋاپكار xxغا تىلفۇن قىلىپ،xx ناھىلىك پوچتىخاننىڭ قارشى تەرىپىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا كۈرۈشكەن،جاۋاپكار xxxxقا xxنىڭ كىملىك نۇپۇسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بىرشىنى دىگەن،xx يولدىشى xxنىڭ كىملىك نۇپۇسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى جاۋاپكار xxغا بىرىپ يولدۇشۇمغا سوت ئېچىلامدىكەن دەپ سورغاندا جاۋاپكار xx xxقا يولدىشىڭىزغا سوت ئېچىش ۋاقتى كىچىكتۈرۈلدى،مەن يولدىشىڭىز xx بىلەن xx ناھىلىك قاماقخانىدا كۈرۈشتۈم،يولدىشىڭىز xxنى قانۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قۇيمەن دەپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۇنىگىچە ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ 4 قېتىمدا 24000 يۇەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلۋالغان.بۇپۇلدىن جاۋاپكار xx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۇنى زىيانلانغۇچىغا 10000 يۇەن پۇلنى قايتۇرۇپ 14000 يۇەن پۇلغا قەرز ھوججىتى يېزىپ بىرىپ ھازىرغىچە قايتۇرمىغان.(زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلمىگەن)

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۇنى xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۇنى قاتناش ھادىسسى قىلمىشى سادىر قىلغان xxنى قاتناش ساقچى ئەترىتىگە كىلىشنى دىگەندىن كىيىن xx شۇ كۇنى ئايالى xx (زىيانلانغۇچى) بىلەن بىرگە قاتناش ئەترىتىگە بېرىپ چوڭ دەرۋازنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قاتناش چوڭ ئەترىتىدە ئىشلەيدىغان جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچى xx بىلەن زىيانلانغۇچى xxنىڭ ئالدىغا كىلىپ«مەن سىزنىڭ دىلورىڭىزنى كۇرگەن ئىدىم،سىزگە كىسىم چىقىپ قالدىغان ئوخشايدۇ،مەن قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۇرۇشتۇم،سىزنى 10000 يۇەن پۇل ئەكەلسىڭىز سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى مۇشۇ يەردە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىدىغان بولدى»دىگەندىن كىيىن زىيانلانغۇچى xxجاۋاپكار xxغا«مىنىڭ يولدۇشۇمنىڭ دىلوسى ئۇچۇن بىزنى xx ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى ئىزدىگەن تۇرسا سىز ھازىر بۇ ئىشنى مۇشۇ يەردە ھەل قىلىپ بىرمەن دەيسىز مەن سىزگە ئىشىنەلمەي قالدىم» دىگەن، جاۋاپكار xx «ئەينى ۋاقىتتا سىلەر مىنى ئوقۇتقان مەن ئۇزۇمنىڭ مۇئەللىمىگىمۇ يالغان گەپ قىلمەنمۇ»دەپ زىيانلانغۇچى xxنىڭ تىلفۇن نۇمۇرنى سورىۋېلىپ ئۇندىدار نۇمۇرنى قۇشىۋالغان،ئەتىسى جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچى xxغا تىلفۇن قىلىپ«مەن ھازىر ئەترەت باشلىقى بىلەن كۇرۇشۇپ چىقتىم،ئەترەت باشلىقى پۇلنى بۇگۇن ئېلىپ كەلسۇن دەيدۇ،شۇڭا سىز كەچكىچە پۇلنى ئېلىپ كەلسىڭىز»دىگەن،زىيانغۇچى xx جاۋاپكارxxغا«پۇلنى سىزگە بەرسەم يولدۇشۇم xxنىڭ ئىشى قاتناش ساقچى ئەترىتىدە تۇگەمدۇ»دىگەن، جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچىxxغا«سىز پۇلنى ئەكەلسىڭىز يولدىشىڭىزنىڭ ئىشى قاتناش ئەترىتدە تۇگەيدۇ»دىگەندىن كىيىن زىيانلانغۇچى xx جاۋاپكار xxنىڭ ئۇندىدارىغا 12 قېتىمدا 10000 يۇەن پۇلنى ئېتىپ بەرگەن.جاۋاپكار xxزىيانلانغۇچى xx ئىشنى ھەل قىلىپ بەرمەي 10000 يۇەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلۋالغان.

  جاۋاپكار xx ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ زىيانلانغۇچى xxنىڭ 58300 يۇەن،زىيانلانغۇچى xxنىڭ 24000 يۇەن،زىيانلانغۇچىxxنىڭ 10000 يۇەن  بۇلۇپ جەمئى:92300 يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان بۇلۇپ بۇ پۇللاردىن زىيانلانغۇچى xxكە 5000 يۇەن،زىيانلانغۇچى xxنىڭ 10000 يۇەن پۇلىسىنى دىلو تۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بولغان،قالغان 77300 يۇەن يۇەن پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرمىغان.

    يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1› يازما ئىسپات › زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 4> جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
     يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋابكار xxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ266-ماددا2-تارماق بەلگىلمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق،ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار xxنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ،جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك،دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

  ھۆرمەت بىلەن:

 xxناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

باش تەپتىش: xx

ياردەمچى تەپتىش:xx

2020-يىل 10-ئاينىڭ22-كۈنى

 قۇشۇمچە:

1› جاۋاپكار xx ھازىر قاماقخاندا.

2›8پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى (214بەت)؛

3›4دانە ئوپتىك دىسكا(جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)؛ 4› جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top