ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە چىقىش(2020)387–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار يX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292819XXXXXXXXXX، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ X ناھىيە X بازىرى X كەنت 3-گۇرۇپ 20-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى X شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، 2015-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايى ئۈچۈن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2015-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن، 2019-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، 2020-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار يXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار يX 2019 -يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 ئەتراپىدا، دوستى ئەXبىلەن بىرگە ئاۋات ناھىيە X بازىرىدىكى بىر دۇكانغا كىرىپ كىچىك قۇتىلىق ئېرگۇتو ماركىلىق ھاراقتىن تۆت بوتولكا ئېلىپ، X بازىرىدىكى يول بويىدىكى لىڭدەينىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ تۆت بوتولكا كىچىك قۇتىلىق ئېرگۇتو ماركىلىق ھاراقنى بىرگە ئىچكەن، كىيىن ئەX بىلەن بىرگە X بازىرىدىكى X رېستۇرانىغا كىرىپ ئەX بىلەن چوڭ قۇتىلىق ماۋتەي ماركىلىق ھاراقتىن جەمئىي ئۈچ بوتولكا ھاراق ئىچكەن، جاۋاپكار يX 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى سەھەر سائەت 02:30 ئەتراپىدا، پىراۋىسىز، مەس ھالەتتە دوستى ئەXنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتىنى، ئۆزى يالغۇز X بازىرى ئىچىدىن غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ھەيدەپ، ئاۋات ناھىيە X بازىرى ئۈستۈنكى X كەنىت 2-گۇرۇپ يۆل بۆلىكىگە كەلگەندە موتوسىكلىتتىن يىقىلىپ كەتكەن، ئاۋات ناھىيە X بازىرى X كەنتىنىڭ ساقچىسى نەق مەيدانغا كېلىپ، جاۋاپكار يXنىڭ ئەھۋالىنى جاۋاپكارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تېلفۇن ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىۋاتقاندا، جاۋاپكار يX ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە داۋاملىق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ قېچىپ، X ساقچىخانىسىنىڭ ئالدى يول بۆلىكىدىكى سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلۋىقىغا كەلگەندە يىقىلىپ كەتكەندىن كىيىن كەينىدىن كېلىۋاتقان ساقچى جاۋاپكار يXنى تۇتۇپ 110 قوماندانلىق مەركىزىگە مەلۇم قىلغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 1822-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار يXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان پىلازمىسى تەركىبىدە 180.35 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالىغان.
جاۋاپكار يX 2020 -يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 09:30 ئەتراپىدا، ئاۋات ناھىيە X بازىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ساناتورىيەسى ئىش ئورنىدىكى ياتىقىدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 ئەتراپىدا، جاۋاپكار يX پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە سەنچەينى ئاۋات ناھىيە X بازىرى ساناتورىيەدىكى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئىش ئورنىدىن ئاۋات ناھىيە X بازىرىX كەنتى 1-گۇرۇپتىكى ئۆستەڭ بويىغا ھەيدەپ بېرىپ، قايتىش يولىدا X بازىرى X كەنىت 2-گۇرۇپ تۆت كوچا يول ئېغىزىدىكى تېلكامىرا ئورنىتىلغان توك خادىسىنى سوقۇپ سوندۇرىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق نۇمۇر تاختىسى سەنچەينى ھەيدەپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئاۋات ناھىيە X بازىرى ساناتورىيەسىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا قېچىپ كەتكەن. نەق مەيداندىكى تۇراخۇن ئەيسا، ئادىل مەمەت ئەھۋالىنى گۈلبەكرەم ياسىنغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن گۈلبەكرەم ياسىن نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋالنى كەنت ساقچىسىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن X ساقچىخانىسى X كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئورنىنىڭ ساقچىسى نەق مەيدانغا بېرىپ دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار يXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 3082-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار يXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان پىلازمىسى تەركىبىدە 175.22 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3>جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋاپكار يXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى ،تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
ئەسقەر مەمەت
2020-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە
2. 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام 191 بەتلىك رازۋىدكا دىلوسى
3. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى
4. ئوپتىك دېسكا( 4 دانە)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论