欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某危险驾驶罪起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020) 167– نومۇرلۇق 

جاۋاپكار يۈxxx، ئەر،ئۇيغۇر،xxx-يىلىx-ئاينىڭx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652823xxxxxx، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپىي:ئورمان مۇھاپىزەتچىسى،ئەسلىي يۇرتى:نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭ  xx ناھىيە xx يېزا xx كەنت جەنۇبىي يولى xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى8-ئاينىڭ7-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن جىنايى ئىشلار بويۇنچە توختۇتۇپ قويۇلغان.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                      2019-يىلى 8-ئاينىڭ10-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى  -ئاينىڭ  -كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار يۈxxxنىڭ خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى - ئاينىڭ - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . يۈxxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىچە :

2019 -يىلى7-ئاينىڭ27-كۈنى سائەت 19:55لەر ئەتراپىدا ،جاۋاپكار يۈxxx ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە تاختاي نومۇرسى新Mxxx نومۇرلق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ،xxx ناھىيە xxx يېزا xx كەنىت يول بۆلىكىگە كەلگەندە،xx ناھىيە xx ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرپىدىن نەقمايداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 5401– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ،جاۋاپكار يۈxx قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە227 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار يۈxxxنىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار يۈxxxكە 3ئايدىن يۇقىرى 4 ئايدىن توۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە8000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : ئەنۋەر ئابلەت

2020- يىلى 11- ئاينىڭ 28 – كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top