شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى
ب ت ج -1بۈلۈم ئەيىبلەش (2021)7- نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئۈXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1992-يىلىXئاينىڭXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528261992 ،تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىسىگە ئىگە، مۇقۇم كەسپى يوق، ھازىرقى ئادرېسى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: قاراشەھەر ناھىيسىX يۇلىX ئولتۇراق رايۇنىXبىناXكورپۇسX-ئۆي. بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋاپكار ئۈXX خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، باغراش ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2021-يىلى1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
باغراش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئۈXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى1- ئاينىڭ20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى1-ئاينىڭ 20-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردى ۋە جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە :جاۋاپكار ئۈXX2020-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنى سائەت23لەرئەتىراپىدا قاراشەھەر ناھىيسى ساغانچىكە يىزىسى قارابورا كەنتىدىكى دۇكاندىن لۈباۋ ماركىلىق ئاق ھاراق سېتىۋېلىپ(500گىرام) ياتاقتا ئۆزى يالغۇز ئىچىپ، 2020-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنى سەھەر سائەت02دىن ئۆتكەندە جاۋاپكار ئۈXX مەس ھالەتتە新M4P086نۇمۇرلۇق فېڭ شېن ماركلىق ئاپتۇموبىلنى ھەيدەپ قاراشەھەر ناھىيسى ساغانچىكە يېزىسى قارابورا كەنتىدىن يولغا چىقىپ باغراش ناھىسى خەلق يۇلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ05-كۈنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ{2020}5075 نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا جاۋاپكار ئۈXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدە ھەر100مىللىلتىرقان تەركىۋىدە ئىسپىرىت مىقدارى149مىللىگىرام ئىگەللىگەن دەپ باھالاپ چىققان.
يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. ئۈXX ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئۈXX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسى 1- بۆلكىنىڭ 1-تارماق 2-تارماقچىسىدىكى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. جاۋاپكار ئۈXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش : غۇپۇرجان ھېكىم
گۈلزىرە ئىمام
2021-يىلى2- ئاينىڭ 4- كۇنى
قوشۇمچە :
1. جاۋاپكار ئۈXXبىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ ھازىر ئائىلىسىدە.
2. ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى1 جىلىد بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论