欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某危险驾驶一案起诉书

2021-09-20 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 878–نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار يXX،ئەر ، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان . كىملىك نۇمۇرى : 3418******652801،ئۇيغۇر ،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى :كورلا شەھەر *****2-گۇرۇپ5-نۇمۇر ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى :شىنجاڭ  كورلا شەھەر*****9-بىنا 1-كورپۇس 401-ئىشىك، بۇرۇن جازالانمىغان ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 08-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە  بىرىلگەن .    

 جاۋاپكار يXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020ـ يىلى10ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان .مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى10-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار يXX 2019-يىلى7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 00دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新M68L80 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى  ****  جەنۇبتىن- شىمالغا قاراپ  يول يۇرۇپ ،**** يول ئېغىزىغا كەلگەندە ،قاتناش غەربىي يولىدا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ماڭغان شۇXX ھەيدىگەن 新MU1155 نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ، نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان. ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن يXX ماشىنىنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.

شىنجاڭ جۇڭشىن قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورنىنىڭ  (2019)4631-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا: يXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر 100 مىللىلىتىردا 163.99مىللىگىرام، دەپ يەكۈن چىقارغان.

كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ (2019) 907770- نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە :جاۋاپكار يXXنى بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىدە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ ، دەپ بىكىتكەن .

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى ، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، خەرىتىسى ، سورىتى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ                                        

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار يXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكاريXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار  يXXنى  مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . 

  كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                             تەپتىش :ئاXX

                            2020-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋاپكار XX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top