欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某不起诉决定书(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

              ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)  67-نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXX، ئەر، ئۇيغۇر،  21 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011999، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى : XX شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ XX شەھەر XX يېزا XX كەنىت 2-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسىپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى  XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.   

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى (2020) 1319-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXX  2020-  يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنى XX شەھەرXX يېزا XX كەنت ئىككىنچى گۇرۇپپىدا ئوپچە ئەمگەك قىلىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى يXXنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يXXنىڭ ئۈندىدارغا مەخپىي نومۇر ئورنىتىپ بەرگەن. گۇماندار يۈXX زىيانلانغۇچى يXXنىڭ ئۈندىدارىغا مەخپىي نومۇر ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن يXXنىڭ ئۈندىدارنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ تېلېفوندا يXXنىڭ ئۈندىدارىنى چېكىندۈرۈپ، يXXنىڭ ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا قايتا ئاچقان ۋە تېلېفوننى يXXغا قايتۇرۇپ بەرگەن. 2020- يىل 4- ئاينىڭ 25- كۈنى جاۋابكار يۈXX  XX كىچىك يامغۇر تامچىسى ئاز سوممىلىق قەرز شىركىتىنىڭ خادىمى يوللاپ بەرگەن ئۈندىدار ئىككىلىك كودنى يXXنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغان ۋە ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا يXXنىڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ يXXنىڭ ئۈندىدارىدا قەرىز تۆلەيدىغان ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاپ XX كىچىك يامغۇر تامچىسى ئاز سوممىلىق قەرىز شىركىتى يXXنىڭ ئۈندىدار قىزىل بولىقىدىن 2819.86 يۈەن پۇلنى تۆلىگەن. زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXX ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى يۈ XXنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن. شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى يۈXXنى ئەيىبلىمەسلىك ( نىسپى ) نى قارار قىلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

تەپتىش: XX 

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top