شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم
ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش(2019) 284 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار يا**، ئەر،ئۇيغۇر،1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى:****** 6528231989 ،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: لوپنۇر ناھىيە ** يىزا ** يولى** ساناتۇرىيىسى ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى: دىھقان،2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2018-يىلى11-ئاينىڭ8-كۈنى ،لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرىپىدىن كېپىللىكككە بېرىلگەن ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار يا**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلۇسىنى،2019-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
جاۋاپكار يا** 2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى كەچلىكى، دوستى بىلەن لوپنۇر ناھىيە ** ئاشخانىسدا 4بوتۇلكا پىۋا ئىچكەندىن كېيىن ،زىيانلانغۇچى جاڭ **نىڭ لوپنۇرناھىيە**-ئولتۇراق رايونى**-بىنا**-كورپۇسنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويولغان قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ توك سىمىنى ئۈزۈپ ماس قىلىپ ئۇلاپ ، توكسىكىلىتنى مىنىپ،لوپنۇر ناھىيە **-ئولتۇراق رايونىنىڭ شىمالى ئىشىكىدىن چىقىپ،لوپنۇر ناھىيە** يېزىسى ** كەنتىگە بېرىپ ، قايىتىپ لوپنۇر ناھىيە **-ئولتۇراق رايونىنىڭ يېنىدىكى قاتناش قىزىل چىرىقىغا كەلگەندە، توكسىكىلىتنىڭ توكى تۈگەپ قېلىپ ، شۇ جايغا توختۇتۇپ قويۇپ ، لوپنۇر ناھىيە ** يېزىسى ** كەنتىگە قايتىپ كەتكەن،قىممىتى 2025 يۈەن (زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار يا**نىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان .
2019- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى .
ئىزاھات : جاۋاپكار ئائىلىسىدە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论