ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت، 1-بۈلۈم ج،ئە، (2020)318 –نۇمۇرلۇق
ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار يا XX تۈمۈر،ئەر،ئويغۇر،56ياش، XX-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:65282619XXXXXXXX،نوپۇستىكى ئادرېسى : شىنجاڭ ئاۋات ناھىيسى XX بازىرى تۆۋەنكى XX كەنت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر،ساۋاتسىز، دېھقان، ماسسا، 1982-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 4يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . 2020-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان ، 2020-يىلى2-ئاينىڭ29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز، ئەر، ئۇيغۇر، 73 ياش، XX-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65292819XXXXXXXX نۇپۇستىكى ئادرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيسى XX بازىرى تۆۋەنكى XX كەنت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، ساۋاتسىز،دېھقان،ماسسا، 1987-يىلى8-ئاينىڭ1-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ۋە تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 14يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان ، 2020-يىلى2-ئاينىڭ29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار يا XX تۈمۈر، ئى XX ئىمامنىيازنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020 –يىلى4-ئاينىڭ30-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ 2020-يىلى5-ئاينىڭ30-كۈنى ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ 2020-يىلى6-ئاينىڭ29-كۈنى قايتا يوللىغاندىن كېيىن، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ۋە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى ، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. ( دېلو بېجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى )
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرى مەلۇم بىر كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ ئەxxنىڭ قوتىندىن6180يۈەن قىممىتىدىكى 6 توياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن،زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
2. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە ۋە 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئوغورلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xx مەھەللە كەنتxx-گۇرۇپقا بېرىپ تۇxxنىڭ قوتىنىدىن ئىككى قېتىمدا 5295يۈەن قىممىتىدىكى 6تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
3. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم كۈنى كىچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx يېزا xx-كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ مەxx (ئۈلۈپ قالغان) نىڭ قوتىنىدىن3130يۈەن قىممىتىدىكى 5 قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
4. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كىچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئۆزى يالغۇز قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx بازارئۈستۈنكى xx كەنتxx-گۇرۇپقا بېرىپ قۇxxنىڭ قوتىنىدىن 2060يۈەن قىممىتىدىكى2 تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
5. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر بىلەن جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ تۇxxنىڭ 2330يۈەن قىممىتىدىكى 2تۇياق قويىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
6. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئۆزى يالغۇز قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ مەxxنىڭ قوتىنىدىن 7467يۈەن قىممىتىدىكى 7 تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
7. 2017-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كىچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر بىلەن جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز ئىككەيلەن قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx بازىرى ئۈستۈنكى xx كەنتxx-گۇرۇپقا بېرىپ ئاxxنىڭ قوتىنىدىن 28000يۈەن قىممىتىدىكى 27 تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
8. 2017-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xxكەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ سەxxنىڭ قوتىنىدىن 22936يۈەن قىممىتىدىكى 23 تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
9. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كىچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ تۇxxنىڭ قوتىنىدىن 1450يۈەن قىممىتىدىكى 1تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
10. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xx-كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ ئاxxنىڭ قوتىنىدىن 23642 يۈەن قىممىتىدىكى 21تۇياق قوي، 4 تۇياق ئۆچكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇنىڭدىن 7200يۈەن قىممىتىدىكى 6تۇياق قوي ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .
11. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر بىلەن جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx يېزا ئۈستۈنكى xx كەنتxx-گۇرۇپقا بېرىپ ئاxxنىڭ قوتىنىدىن 27400يۈەن قىممىتىدىكى 24تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
12. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر بىلەن جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx يېزا xx-كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ ئاxxنىڭ قوتىنىدىن 2274يۈەن قىممىتىدىكى 3 تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
13. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى مەلۇم بىر كۈنى كەچتە ۋە 8-ئاينىڭ باشلىرى مەلۇم بىر كۈنى كەچتە جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئوغورلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپقا بېرىپ غوxxنىڭ قوتىنىدىن ئىككى قېتىمدا 3650يۈەن قىممىتىدىكى 5تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
14. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىسى جاۋاپكار يا XX تۈمۈر بىلەن جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئىككى كۈن بۇرۇن كۈزۈتۈپ قويغان xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپتىكى خامانغا بېرىپ قۇxxنىڭ قوتىنىدىن 22631يۈەن قىممىتىدىكى 23تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ كەتكەن، بۇنىڭدىن 19671يۈەن قىممىتىدىكى 21تۇياق قوي ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .
15. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنلىرى ئەتراپىدا جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قوي ئوغۇرلاش مەقسىتىدە xx بازىرى xx كەنتتىكى قوي قوتانلىرىنى كۈزەتكەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كىچىدە جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئۆزى يالغۇز نەچچە كۈن ئىلگىرى كۆزۈتۈپ قويغان قوي قوتىنى جايلاشقان xx بازار xx كەنت xx-گۇرۇپتىكى جاڭگاللىقا بېرىپ يۈxxنىڭ قوتىنىدىن 45475يۈەن قىممىتىدىكى 36 توياق قوينى ئوغۇرلاپ، قويلارنى كېچىچە ھەيدەپ تاڭ ئاتاي دىگەن ۋاقىتتا ئوغۇرلىغان قوينى ئۆزىنىڭ xx بازىرى تۆۋەنكى xx كەنت xx-گۇرۇپتىكى ئۆيىگە ئەكىلىپ قوتىنىغا سولاپ قويغان، زىيانلانغۇچى يۈxx دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار بىر نەچچە كۈن نەق مەيدان ۋە ئەتراپنى تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق ئوغۇرلانغان قوينىڭ xx بازىرى تۆۋەنكى xx كەنت ئەتراپىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئوغۇرلىغان قوينى xx بازىرى xx-كەنت ئەتراپىغا ئاپىرۋىتىش ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈن كىچىدە ئوغۇرلىغان قويلارنى ھەيدەپ ماڭغاندا، xx بازىرى xx-كەنتتە چارلاۋاتقانلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، جاۋاپكار يا XX تۈمۈر قويلارنى تاشلىۋىتىپ ئۆيىگە قېچىپ كىرىۋالغان، كىيىن xx بازار تۆۋەنكى xx كەنتنىڭ ئامانلىق مۇدىرى xx ۋە شۇ كەنتنىڭ كەنت ساقچىسى xx جاۋاپكار يا XX تۈمۈرنى ئۆيىگە كىرىپ تۇتۇپ xx ساقچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاۋاپكار ئوغۇرلىغان قويدىن 43850يۈەن قىممىتىدىكى 35تۇياق ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.
ئومۇملاشتۇرغاندا، جاۋاپكار يا XX تۈمۈر ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىمدا شەخىسلەرنىڭ 203920يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان، بۇنىڭدىن 70721 يۈەن قىممىتىدىكى زىيان ئەسلىگە كەلگەن. جاۋاپكار ئى XX ئىمامنىياز باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىمدا شەخىسلەرنىڭ 82635 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان، بۇنىڭدىن 19671 يۈەن قىممىتىدىكى زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1،يازما ئسىپات 2، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 3، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 4، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى 5،باھالاش پىكرى 6،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋاپكار يا XX تۈمۈر بىلەن ئى XX ئىمامنىيازنىڭ شەخىسلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋاپكارلار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارلارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: خانئايىم يۈسەن
2020-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 13پارچە ئەيىبنامە بىلەن تۆت توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى، توققۇز تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكارلار ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论