شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2021) 2-نومۇرلۇق
جاۋابكار رXX،ئەر،ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0012********652924، تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، مۇقىم كەسپى يوق، شايار ناھىيە ** بازىرى ** رايۇنى **-بېنا **- كورپۇس**-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شايار ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى**-نومۇر قۇشۇمچە **-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. زەھەرنى قانۇنسىز ئىلىكىدە ساقلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ **- كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،2020-يىلى8-ئاينىڭ **-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رXX نىڭ زەھەرنى قانۇنسىز ئىلىكىدە تۇتۇش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020)132- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار رXX 2020-يىلى7-ئاي مەزگىلدە، تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان دورىنى (يەرلىك نامى دىفىن) سېتىۋالماقچى بۇلۇپ، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى خوخخۇت شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئا XX (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ، تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان دورىنى تىز يوللانمىدىن سېلىپ بىرىشنى دىيىشىپ، ئا XX جاۋابكار رXX بەرگەن 1500يۈەنگە قارتا تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان تابلىتكىنى ئاق كۆك رەڭ ئارىلاش ئۇيۇنچۇق مۈشۈك ئىچىگە يۇشۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى «بەيشى تىز يوللانمىسى» دىن جاۋابكار رXX نىڭ شايار ناھىيىسىدىكى ئادىرىسىغا ئەۋەتكەن. جاۋابكار رXX 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت12:00لەردە، شايار ناھىيە بازىرى تەۋەسىدىكى «بەيشى تىز يوللانمىسى» غا بېرىپ يۇقارقى تېز يوللانمىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار رXX نىڭ نامىغا ئەۋەتىلگەن قەغەز يېشىككە قاچىلانغان ئاق كۆك رەڭ ئارىلاش ئۇيۇنچۇق مۈشۈكنىڭ ئىچىدىن بىر دانە مايىسىرەڭ سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان 647.49 گىرام ئېغىرلىقتىكى تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان ئاق رەڭلىك تابلىتكا بايقالغان.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان بىر قۇتا(100دانە تابلىتكا) ئاق رەڭلىك تابلىتكىنىڭ ئېغىرلىقى 6.44گىرام ، ئۇمۇمى قولغا چۈشكەن 647.49 گىرام تابلىتكا جەمئى 101قۇتا(سودا قىلغاندا ئىشلەتكەن مىقدار) دەپ بېكىتىلگەن.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئېلىپ بارغان تەھقىقلەش سىنىقى ۋە دۆلەتلىك يىمەكلىك-دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2004-يىلى10-ئايدا چىقارغان قانۇنسىز دورىنى زەھەرگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش جەدىۋېلىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، جاۋابكار رXX 1500يۈەنگە سېتىۋالغان تەركىبىدە دىفىننوئېستېر بولغان تابلىتكىنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 647.49گىرام، خىروئىنغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 32.4گىرام دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقارقى پاكىت ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى، سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رXX نىڭ باشقىلاردىن زەھەرلىك بۇيۇمنى سېتىۋېلىش جەريانىدا قولغا چۈشكەن قىلمىشىدىن زەھەرنى قانۇنسىز ئىلىكىدە تۇتۇش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قائىل بولغان، جاۋابكار رXX كە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 348-، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. زەھەرگە قارىشى تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ15-، 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2021يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论