كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020)429-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار رxx، ئايال، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:******** 6528231973 ، ئۇيغۇر، ساۋاتسىز، كەسپى دېھقان، سىياسى قىياپىتى: ئامما ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلوق ئورنى: xx ناھىيە xxx يېزىسىxx كەنتxx يولى **-ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسدە كېپىللىكتە.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى6-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋاپكارنىڭ ئوغورلوق قىلىش جىنايەت گۇمانىغا چېتىشلىق 2 توپلام دىلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار رxx 2019-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 08:00 لەر ئەتراپىدا، ئوبلاستلىق دوختۇرخانا **-بىنا *-قەۋەت ***-نۇمۇرلۇق ياتاقتا داۋالىنۋاتقان يولدىشى ساxxغا قاراش جەريانىدا، شۇ ياتاقتىكى باشقىلارنىڭ ئوخلاپ قالغان پورسىتىدىن پايدىلىنىپ، زىيانلانغۇچى زەxxنىڭ ئىشكاپقا قۇيۇپ قويغان ئىچىگە 4000 (تۆت مىڭ يۈەن)نەق پول سېلىنغان پورتمالنى ئىشكاپتىن ئوغۇرلاپ چىىپ، پورتمالنىڭ ئىچىدىكى 4000 (تۆت مىڭ يۈەن)نەق پۇلنى ئېلىۋېلىپ، پورتمالنى شۇ بىنانىڭ 7-قەۋىتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ساندۇقىنىڭ ئارقا تەرپىگە يۇشۇرۇپ قۇيغان، كورلا شەھەرلىك مال-باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ (2019) 202-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە : بىر دانە ئاق -قارا ئارلاش رەڭلىك پورتىمالنىڭ باھاسىنى 5 يۈەن دەپ باھالاپ بىكىتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. ئوغورلوق ئومۇمى سوممىسى : 4005 ( تۆت مىڭ بەش يۈەن )يۈەن.
جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىىرسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار رxx ئۆزى يالغۇز، پول تىپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئىلىۋېلىش ۋاستىسىنى قۇللونوپ، بىر قىتىمدا باشقىلارنىڭ 4005 (تۆت مىڭ بەش يۈەن ) يۈەن نەق پولىنى ئوغورلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ، ئوغورلوق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش :خاسىيەت ئابىدۇكىرەم
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 09-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام ، 10نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى .
(2) جاۋابكار كىپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论