欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

热某某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى               

                          شايار ت ج ئە چىقىش (2020)898-نومۇرلۇق

جاۋابكار رxx، ئەر، ئۇيغۇر،-19xxيىلى -xxئاينىڭ-xx كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى65292419xxxxxxxx:،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، چارۋىچى، كۇچا ناھىيە xx يېزا xx كەنىت-xx گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى9-ئاينىڭ15-كۈنى كۇچا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان.ھازىر جاۋابكار رxx كۇچا شەھەر xx يېزا xx كەنىتتە. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ  14-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)713-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ر-2020 xxيىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:00لەر ئەتراپىدا ، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنىت تەۋەسىدىكى مال باققان يەردە قۇxx، ئەxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن كۇچا ناھىيە -xxرايۇندىكى  ئۆيگە قايتىش  ئۈچۈن ،شۇ يەرگە توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ كەينىگە قۇxxنى مىندۈرۈپ موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ بېيجىڭ ۋاقتى 00:30 لار ئەتراپىدا، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنىت كومىتتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان .

باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار رxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 243 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار رxxغا 3 ئاي 20كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 7300 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: xxxx

           2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (80بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن.

3) «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top