توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)236-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ر ** ، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:2531********652123،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان. سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى:شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار ** كەنىت *-گۇرۇپپا ***-نۇمۇر؛ بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋابكار ر ** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020–يىلى 07-ئاينىڭ 04-كۈنى ** ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ر ** نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن※ بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە:
2020-يىلى 06-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 01:23لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ر ** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە B****新K نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ ** ناھىيە ** بازار ** پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار ر ** دىن ** ناھىيە ** بازارلىق شىپاخانىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن. شىنجاڭ ** ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)****-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە:ر ** نىڭ ھەر ml100 قېنىنىڭ تەركىبىدە mg 218 ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:
1.يازما ئىسپات؛ 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 3.باھالاش پىكىرنامىسى؛ 4.نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ر ** نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ر ** نىڭ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133–ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىغا خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك.جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە،كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار ر ** غا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە 6000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسى، 214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە؛
2. دىلو توپلىمى 3 توپلام، پىلاستىنكا 2 دانە؛
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论