欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

沙某检察院麦某某盗窃案起诉书(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ش ت ئە چ (2020) 285 – نۇمۇرلۇق

جاۋابكار مXX ، ئەر، ئۇيغۇر، 20XX- يىلى XX- ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 65292420XXXXXXXXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت X- گۇرۇپ XX- نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىمىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

شايار ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ ئوغۇرلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 4-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

قانۇن بۇيچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار مXX 2018 -يىلى 9- ئاي مەزگىلىدە ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ ئۈچ قېتىم سايباغ كەنت 3-گۇرۇپتىكى رXXنىڭ ئۈيىگە ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە بېرىپ، ئۆيدە ئادەم يوقلۇقى ۋە ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ بىرىنچى قېتىم 10025 يۇەن، ئىككىنچى قېتىم 1100 يۇەن ، ئۈچۈنچى قېتىم 35 يۈەن ،جەمئى 11160 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئۆزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن. بۇ قېتىم دىلو پاش بولغاندا زىيانلانغۇچى رXXنىڭ 11160 يۈەن ئىقتىسادى زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكانىڭ ئىقرارى ،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز : جاۋابكار مXXنىڭ قانۇنسىز ئېگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال- مۈلۈككە ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئوچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار مXXغا « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددا، 17-ماددا، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتىنى ئېتراپ قىلدى، جازاغا قايىل بولدى. بۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن، شوڭا جاۋابكار مXXغا ئۈچ ئايدىن تۆت ئايغىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە شىتىراف قويۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

مۇئاۋىن باش تەپتىش :ئەXX

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى

قۇشۇمچە :

1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار ئائىلىسىدە .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top