ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىممىسى xx
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ت 1-ب ئە (2020)25 -نومۇر
ئەيىپلەنمىگۇچى ساxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xx xx652823 نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xxناھىيە xxيېزىسى xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xxناھىيە xxئولتۇراق رايونى ب گ xx-بىنا xx-ئىشىك xx-ئۆي، كەسپى: xxناھىيەxx يىزىلىق دوختۇرخانىسنىڭ دوختۇرى. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى خەتەرلىك يول يۈرۈش دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە دىلو ئېچىپ تەكشۈرۈلگەن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى xxناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە
xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۇچى ساxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۇنى سائەت00:00لەر ئەتىراپىدا ساxx 新Mxx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، ماشىنىغا xx، xx، xx قاتارلىقلارنى سىلىپ ھەيدەپ xx ناھىيە xx-لىنىيەنى شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى xx خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەقمەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2020) 4155–نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ،ئەيىپلەنمىگۇچى ساxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 97 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : ئەيىپلەنمىگۇچى ساxxنىڭ يول قاتناش باشقۇرۇش نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ يەنە بىر مەزمۇنىدىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللىنىدۇ، ئەيىپلەنمىگۇچى ساxx جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش جەھەتتە جىنايى قىلمىشىنى تونۇش تاپشۇرۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىكى بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، جىنايى قىلمىشى يىنىڭ، قانۇندا بەلگۇلەنگەن يىنىك-يىنىكلىتىپ جازا بىرىش ئەھۋالى بار، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىكى بەلگۇلىمىسى بويۇنچە جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۇيىتى يوق بولغاچقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگۇلىمىسى بويۇنچە ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى .
ئەگەر ئەيىپلەنمىگۇچى يۇقارقى قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ 7 كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论