欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

木某某盗窃案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم 

ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                         ل ت ج ئەيىپلەش(2019)282 - نومۇرلۇق   

   جاۋاپكار مو**، ئەر،ئۇيغۇر،1973-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****** 6528231973 ، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:لوپنۇر ناھىيە** يىزا ** كەنىت ** يولى **-ئۆي ،كەسپى دىھقان، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى قانۇن بويىنچە كېپىلگە بېرىلگەن، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان ، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

  لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار مو**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلۇسىنى،2019-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق . 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە : 

   جاۋاپكار مو**  2018 -يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى ،كەچتە ئاغىنىلىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيە **ئولتۇراق رايونىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى** دۇكاندا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۈيىگە قايتىش ئۈچۈن مىڭىپ، لوپنۇر ناھىيە **ئولتۇراق رايونىنىڭ جەنۇپ تەرەپ ئىشىكىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان**ماگىزىننىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويولغان ،زىيانلانغۇچى لىيۇ**نىڭ قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى كۆرۈپ بۇ توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ كىتىش مەقسىتىدە، ماشىنا توختىتىش ماشىنا كىرىش ئېغىزى تەرەپتىكى كۈزىتىش تىلىكامىراسىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ ، ئىچىدىكى كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ-چۈشىدىغان توسىقىنى بۇزىۋېتىپ، توكسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچ سالىدىغان يىرىدىكى سىمىنى ئۈزۈپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ توكسىكىلىتنى مىنىپ ** تەرەپتىكى يول بىلەن ناھىينىڭ **تەرىپىگە قاراپ مىڭىپ ، ** تەرەپتىكى ** خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يولنىڭ ياقىسىدىكى ئورمان بەلۋىغىغا چۈشۈپ كەتكەن،**قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكىلەر ياردەملىشىپ توكسىكىلىتنى ئورمان بەلۋىغىدىن چىقىرىشىپ بەرگەندىن كىيىن، **كەنتىدىكى ئۆيىگە قايتىش مەقسىتىدە مىنىپ ، توكسىكىلىتنىڭ توكى تۈگەپ قالغان، ئاندىن توكسىكىلىتنى شۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ، ** ئولتۇراق رايونىدىكى دۇكىنىغا قايتىپ كەتكەن،قىممىتى 2280يۈەن (زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى). 

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار مو**نىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .    قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .  

   ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

                         تەپتىش : تۇرسۇن راخمان . 

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى .

ئىزاھات : جاۋاپكار ئائىلىسىدە  . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top