欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

木某某危险驾驶案

2021-09-25 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 70 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

  جاۋاپكار مXX، ئەر،ئۇيغۇر، 22ياش ،كىملىك نومۇرى : XX652901 ،تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،تىجارەتچى،يۇرتى  ئاقسۇ شەھىرى،ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايونى X-بىنا  X-كورپۇس X-ئۆيدە  ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان .خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 

 ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ 30-كۈنى(2019) 1105-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

    2019-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 23:00ئەتراپىدا ،جاۋاپكار مXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن  ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسى مXX    تائاملىرى تېز تاماقخانىسىنىڭ كەينىگە توختىتىپ قويغان  新N XX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ  7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 01:39ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە يول ئايرىش رىشاتكىسىغا سوقۇۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار مXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى،  تەكشۈرۈش ئارقىلىق  جاۋاپكار مۇXXنىڭ  100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى  159.51مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.ھادىسىدىن كېيىن جاۋاپكار مۇXX رىشاتكىنىڭ رىمۇنۇت ھەققى ئۈچۈن 12500يۈەن تۆلەپ بەرگەن . 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار م XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكارم XX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار م XXغا 2ئاي 15كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش : ئاXX

                    مۇۋەققەت تەپتىش :جXX

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  7-كۈنى

      ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  مXX  كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : XX199 

2› 8نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top